ئالاھىدە رىتسىپ

بۇرۇن ياللۇغىنى ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاشنىڭ بىر نەچچە خىل رىتىسىپى

                            
بۇرۇن ياللۇغى  قىش پەسلىدە كۆپ كۇرۇلىدىغان كېسەللىك بولۇپ كىشلەرگە ئاز بولمىغان قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇنى ئەڭ ياخشسى ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق  داۋالىغاندا بەدەنگە  ئەكس تەسىرى بولمايلا قالماستىن  يەنە ئۈنۈملۇك داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
1. ماگنولىيە گۈلىدە پشۇرۇلغان تۇخۇم .
 ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى،بۇرۇندىن  ماڭقا  ئېقىشنى داۋالاشتا  ماگنولىيە گۈلىدىن 15 گرامنى قۇم قازانغا سېلىپ  ، ئىككى چېنە پاكىز  سۇ قۇيۇپ  قاينىغاندىن  كىيىن   ،پىشۇرۇلغان تۇخۇمىنىڭ  پوستىنى ئايرىۋېتىپ  ئۇششاق تۇشۇك تېشىپ  قۇم قازانغا قايتىدىن ئۆت يېقىپ ،  تۇخۇمنى  يالپاقداپ  قاينىتىپ  شورپا قىلىپ ئىچىلىدۇ
 
2.جۇخارگۈل –بېلىق  شۆرپىسى
يىگىلەپ قالغان ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى ، كۆپ قوزغىلىدىغان  زۇكامنى داۋالاشتا :
بېلىقنىڭ بېشىدىن  100 گرامنى پاكىز يۇيۇپ  قىزىتىلغان مايدا ئىكى تەرىپىنى بوش پىشۇرۇپ ،15   گرام    ئۇرۇقى ئېلىۋىتىلگەن چىلاننى پاكىز يۇيۇپ ، جۇخارگۈلدىن 30 گرام ، بايناق 15 گرام، بۇدۇشقاق ئۇرۇقى 10 گرام،  زەنجىۋىل 3 پارچىنى قۇم قازانغا سېلىپ  بېلىق بېشى بىلەن بىللە قاينىتىپ شورپىسى ئىچىلىدۇ.
. كەتىرا ئۇمىچى
زىيادە سەزگۈر خاراكتىردىكى بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاشتا  كەتىرا 400 گرام،  بايناق 230 گرام، كەۋرەك  240 گرام،   چۈچۈكبۇيا 60 گرام گۈرۈچ 20 گرام (ھەر كۈنى ) گۈرۈچتىن باشقىلىرىنى ئۇششاق ئېزىپ  ئارلاشتۇرۇپ  قۇرۇتۇلغان ئىدىشقا سېلىپ  ساقلىنىدۇ.   400 گرام سۇ بىلەن گۈرۈچنى قازاندا كۇچلۇك ئوتتا قاينىتىلىدۇ.  ئاندىن  ئاجىز ئوتتا  يەنە 20 مىنۇت قاينىتىپ 10 گرام  ئېزىلگەن ئارلاشمىنى  قازانغا سېلىپ ئاجىز ئوتتا 5 مىنۇت قاينىتىلىپ  ئىستېمال  قىلىنىدۇ.

4. جۈخار ئۇمىچى
پاكىز ئېرىقدالغان جۈخار گۈلى ۋە ئۈجمە يۇپۇرمىقىدىن 15 گرام ، يۇمىلاق شال گۈرۈچى 60 گرامنى بىرلىكتە قاينىتىپ ئىستېمال قىلىنسا  ئاستا خاراكترلىك بۇرۇن ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
. ماگنولىيە گۈلى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى  شورپىسى
ماگنولىيە گۈلىدىن  15 گرام،  پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدىن 250 گرامنى بىرلىكتە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە  بۇرۇن  توسۇلۇپ قىلىش ، ماڭقا  ئېقىش،  باش چىڭقىلىپ ئاغرىش قاتارلىق  كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ.