ئالاھىدە رىتسىپ

ئۆت تېشى كېسەللىكىگە ئائىت رىتسىپلار

ھەرخىل سەۋەپلەردىن ئۆت سۇيۇقلىقى ئۆزەگىرىپ ، ئۆت يولى ۋە ئۆت خالتىسىغا چۆكۈۋېلىپ تاش شەكىللەندۈرۈپ،ئۆت تېشى كىسەللەكىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىماردا قورساق ئاغرىش ،توڭۇپ تىترەش،يۇقىرى قىزىتما كۆرىلىدۇ. تاش چوڭراق بولسا،جىگەر ساھەسى كۆپكەندەك يېقىمسىزلىنىدۇ.كىچىكرەك بولسا،ياغلىق تاماق يىگەندىن كىيىن كېچىسى ئوڭدا ياتقاندا ،ئۆت تەرەپتە مۇجۇپ ئاغرىش بۇلىدۇ. داۋالاش رىتسىپلىرى: 1. 100گرام زەنجىۋىلگە ئىككى لىتىر سۇ قوشۇپ قايناتقاندىن كىيىن ،ئاغرىغان جايغا سۈرسە ئۈنۈمى ياخشى بۇلىدۇ. 2. توققۇز گرام كاۋاۋىچىننى ئىزىپ بىر دانە تۇخۇمى بىلەن مايدا قورۇپ،كۈنىگە ئۈچ ۋاخ يەپ بەرسە ،ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بۇلىدۇ. 3. تۇلۇق پىشقان قۇغۇن شاپىقىنى سالقىن جايدا قۇرۇتۇپ سوقۇپ تاسقاپ ،دورا چىلاشقۇدەك سۇدا يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ ،سۈيىنى ئىچسە ئۈنۈمى ياخشى بۇلىدۇ. 4. بىر تال ياڭيونى ئىزىپ ،مۇۋاپىق مىقتاردا بۇغداي ئۇنى ۋە خام زەنجىۋىل سۈيىدە مەلھەم ياساپ ،ئاغرىغان جايغا تېڭىلىدۇ. 5. ئارپا بەدىياندىن بەش گرامنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بۇلىدۇ. 6. 36 گرام تۇرۇپ سۈيىنى كۈندە ناشتىدا ئىچىپ بەرسە، ئۆت تېشى كىسىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. بېمار كۆپ ھەركەت قىلماسلىقى ،سۇيۇق -سەلەڭ ،سىڭىشلىق تاماقلارنى ئىستىمال قىلىشى لازىم. ياغلىق ،قورىغان تاماقلاردىن ،يەللىك ،تەستە ھەزىم بۇلىدىغان يېمەكلىكلەردىن ،تۇخۇم ،گۈرۈچ تاماقلىرىدىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. (ئائىلىدىكى رېتسىپلار كىتاپىدىن)

بۇرۇن ياللۇغىنى ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاشنىڭ بىر نەچچە خىل رىتىسىپى

بۇرۇن ياللۇغى قىش پەسلىدە كۆپ كۇرۇلىدىغان كېسەللىك بولۇپ كىشلەرگە ئاز بولمىغان قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنى ئەڭ ياخشسى ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالىغاندا بەدەنگە ئەكس تەسىرى بولمايلا قالماستىن يەنە ئۈنۈملۇك داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 1. ماگنولىيە گۈلىدە پشۇرۇلغان تۇخۇم . ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى،بۇرۇندىن ماڭقا ئېقىشنى داۋالاشتا ماگنولىيە گۈلىدىن 15 گرامنى قۇم قازانغا سېلىپ ، ئىككى چېنە پاكىز سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كىيىن ،پىشۇرۇلغان تۇخۇمىنىڭ پوستىنى ئايرىۋېتىپ ئۇششاق تۇشۇك تېشىپ قۇم قازانغا قايتىدىن ئۆت يېقىپ ، تۇخۇمنى يالپاقداپ قاينىتىپ شورپا قىلىپ ئىچىلىدۇ 2.جۇخارگۈل –بېلىق شۆرپىسى يىگىلەپ قالغان ئاستا خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى ، كۆپ قوزغىلىدىغان زۇكامنى داۋالاشتا : بېلىقنىڭ بېشىدىن 100 گرامنى پاكىز يۇيۇپ قىزىتىلغان مايدا ئىكى تەرىپىنى بوش پىشۇرۇپ ،15 گرام ئۇرۇقى ئېلىۋىتىلگەن چىلاننى پاكىز يۇيۇپ ، جۇخارگۈلدىن 30 گرام ، بايناق 15 گرام، بۇدۇشقاق ئۇرۇقى 10 گرام، زەنجىۋىل 3 پارچىنى قۇم قازانغا سېلىپ بېلىق بېشى بىلەن بىللە قاينىتىپ شورپىسى ئىچىلىدۇ. . كەتىرا ئۇمىچى زىيادە سەزگۈر خاراكتىردىكى بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاشتا كەتىرا 400 گرام، بايناق 230 گرام، كەۋرەك 240 گرام، چۈچۈكبۇيا 60 گرام گۈرۈچ 20 گرام (ھەر كۈنى ) گۈرۈچتىن باشقىلىرىنى ئۇششاق ئېزىپ ئارلاشتۇرۇپ قۇرۇتۇلغان ئىدىشقا سېلىپ ساقلىنىدۇ. 400 گرام سۇ بىلەن گۈرۈچنى قازاندا كۇچلۇك ئوتتا قاينىتىلىدۇ. ئاندىن ئاجىز ئوتتا يەنە 20 مىنۇت قاينىتىپ 10 گرام ئېزىلگەن ئارلاشمىنى قازانغا سېلىپ ئاجىز ئوتتا 5 مىنۇت قاينىتىلىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. 4. جۈخار ئۇمىچى پاكىز ئېرىقدالغان جۈخار گۈلى ۋە ئۈجمە يۇپۇرمىقىدىن 15 گرام ، يۇمىلاق شال گۈرۈچى 60 گرامنى بىرلىكتە قاينىتىپ ئىستېمال قىلىنسا ئاستا خاراكترلىك بۇرۇن ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. . ماگنولىيە گۈلى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى شورپىسى ماگنولىيە گۈلىدىن 15 گرام، پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدىن 250 گرامنى بىرلىكتە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بۇرۇن توسۇلۇپ قىلىش ، ماڭقا ئېقىش، باش چىڭقىلىپ ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ.

ھەر خىل چاي ئارقىلىق كېسەل داۋالاش رىتىسى

چاي ئارقىلىق كېسەل داۋالاشتىكى 9 خىل ئۇسۇل . ئەبنوس چېيى :چاي 3 گرام ، ئەبنوس قېقى 3 تال ، ناۋات پارچىسىدىن 3 پارچە ئەبنوس قېقى بىلەن ناۋاتنى ئارلاشتۇرۇپ قايناتقاندىن كېيىن چاي دەملەپ ئىچىلىدۇ. بۇ خىل چاي بەلغەمنى يۈمشىتىپ بېسىمنى ئازايتىدۇ. تالنى ياخشلاپ ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارنى كۈچەيتىدۇ. ئۆپكە تۇبېركليۇزىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ. زەنجىۋىل چېيى :چاي 5 گرامنى خام زەنجىۋىل بىلەن قاينىتىپ تاماقتىن كېيىن ئىچىپ تەرلەنسە ھۆتەلىنى پەسەيتىدۇ. يۇقۇملۇق زۇكام،كېزىك، ھوتەل قاتارلىىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ ناۋات چاي :چاي يۇپۇرمىقى 2 گرام ، قارا شىكەر 10 گرامنى قايناق سۇدا دەملەپ 5 مىنىۇتتىن كېيىن ئىچىلىدۇ. ھەر كۈنى تاماقتىن كېيىن بىر ئىستاكان ئىچىپ بەرسە تال ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاپ قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ. چوڭ تەرەتنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ئاستىنقى قورساقنىڭ سوغۇقتىن ئاغرىشى، ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدىكى ئاغرىقىغا ئۇنۇملۇك مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاچچىقسۇلۇق چاي : چاي يۇپۇرمىقى 3 گرام، ئاچچىقسۇ 3 مىللىتىر چاي يۇپۇرمىقى قايناقسۇدا قاينىتىپ 5 مىنىۇتتىن كېيىن ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئاشقازان مۇجۇپ ئاغرىش، سازاڭسىمان مەددە قۇرۇت كەلتۈرۈپ چىقارغا ن قورساق تۈز لۇق چاي : 3 گرام يېشىل چايغا ، تۇزدىن 1 گرامنى ئارلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە ھېرىپ چارچاشنى ، زىرىكىشنى ،ئۇسساشنى يوقىتىشتا ئۇنۇملۇك رول ئوينايدۇ ھەسەل چاي : 3 گرام چاي يۇپۇرمىقنى قايناقسۇغا دەملەپ سوۋۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا 3 مىللىتىر ھەسەلنى قۇيۇپ ھەر يېرىم سەئەتتە بىر قېتىم ئىچىپ بەرسە، قان تولۇقلاپ، ئۆپكە ۋە بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ، گال قۇرۇپ ئۇساش قۇرۇق ھۆتەل، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، قەۋزىيەت، مىجەز-خۇلۇقنى ياخشىلاش قاتارلىق كېسەللىككە مەنپەئەت قىلىدۇ. قېرىقئوت چېيى :چاي 5 گرام، مۇۋەببەلسىپتتىن 10 گرامنى داۋاملىق دەملەپ ئىچىپ بەرسە ، قىزىتمنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سوغۇق چاي : 15 گرام چاي يۇپۇرمىقنى سوۋۇتۇلغان 200 مىللىتىر قايناقسۇغا سېلىپ ھەر كۈنى 50 گىرامدىن 150 گىرامغىچە 3 ۋاق ئىچىپ بەرسە ، چاي يۇپۇرمىقى تەركىۋىدىكى ماددىنىڭ ئىنسۇلۇن بىلەن بىركىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، قاندىكى ئارتۇق قەنىتنى چىقىرىپ تاشلاپ، دىئابىت كېسەللىكىنى داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

پىياز تەركىپلىك رېتسىپلار

تەبىئىتى : قۇرۇق ئىسسىق تەركىبى : ھەر 100 گرام پىياز تەركىبىدە 1.8 گرام ئاقسىل ، 8 گرام قەنت ، 40 مىللىگرام كالتىسىي، 50 مىللىگرام فوسفور ، 1.8 مىللى گرام تۆمۈر، ئاز مىقداردا كاروتىن ، 0.03 مىللىگرام ۋىتامىن B1 ، 0.02 مىللىگرام B2 ، 9.2 مىللىگرام PP ، 8 مىللىگرام ۋىتامىن C بار . خۇسۇسىيىتى : ئىشتىھانى ئېچىش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، باھنى قۇۋۋەتلەش ، مىكروب ئۆلتۈرۈش. ئىشلىتىلىشى : پىيازنى ئېزىپ پۇرىسا ياكى تاپانغا تاڭسا ، باش ئاغرىقىغا مەنپەت قىلىدۇ. ئاق پىياز ئەرەقىنى بىر مەزگىل بۇرۇنغا تېمىتسا ، ھاراق ۋە نەشە خۇمارىنى كېسىدۇ. تۇتقاقلىق كېسىلگىمۇ مەنپەت قىلىدۇ. پىياز ئەرىقىدىن 1-2 تامچىنى ھوشسىز كىشنىڭ بۇرنىغا تېمىتسا ھوشىغا كېلىدۇ. پىياز ئەرقىنى كۆزگە تېمىتسا نامازشام قارغۇسىغا مەنپەت قىلىدۇ. قىزىل پىيازنىڭ سۈيىنى كۆزگە تېمىتسا كۆزدىكى تىرناقسىمان گۆش ئۆسۈپ قېلىشقا مەنپەت قىلىدۇ. پىيازنىڭ ئىلمان سۈيىنى قۇلاققا تېمىتسا ، قۇلاق ئېغىرلىقى ، قۇلاق ئاغرىقى قۇلاققا گۆش ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەت قىلىدۇ. يۇمشاق ئېزىلگەن پىيازنى گالغا تاڭسا ، بەلغەمدىن بولغان بادامسىمان بەز ياللۇغىغا مەنپەت قىلىدۇ. پىيازنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا ھەزىمنى كۈچەيتىپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، مۇسھىل ئىچكەندىن كېيىن پىيازنى پۇرىسا ، ھۆنى توختىتىدۇ. نوقۇت چوڭلۇقىدىكى ھىڭنى بىر گرامدىن بەدىيان ۋە يۇمغاقسۈتلەر بىلەن بىللە پىياز ئەرىقىغە ئارىلاشتۇرۇپ ، قان تولغاقنىڭ ئىككىنچى كۈنى تاماقتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلسا ، ئۇ ھەزىم بولۇش ، قورساق ئاغرىقىغا كۆرىنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ. ئاق پىيازنى قايماق ياكى مايدا قورۇپ تۇخۇم سېرىقى بىلەن ئېزىپ مەقئەتكە تاڭسا ، مەقئەت ياللۇغىغا كۆرىنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ. پىيازنى گۆش بىلەن پىشۇرۇپ يېتەرلىك مىقداردا سېرىقماي قوشۇپ ئىستېمال قىلسا باھنى كۈچەيتىدۇ، 6 گرام پىياز ئەرىقى ، 4 گرام سېرىق ماي ، 3 گرام ھەسەل قاتارلىقلارغا مۇۋاپىق مىقداردا ئىسىق سۈت ، شېكەر قوشۇپ ئىچسە ، مەنىي كۆپىيىدۇ. پىيازنىڭ ئەرىقىغە ھەسەل قوشۇپ چاچنى يۇسا ، چاچ چۈشۈشنى توختىتىدۇ. پىيازنى داۋاملىق يەپ بەرسە قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . سۈيدۈك راۋان بولماسلىق ، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش ، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ، رېماتىزىم ، نىقرەس قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر باش پىيازنى شورپا ، سۈت ۋە باشقا تائاملارغا قوشۇپ ئىستېمال قىلسا ئوبدان مەنپەت قىلىدۇ. پىشۇرۇلغان پىيازدىن مۇۋاپىق يەپ بەرسە ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ، سېسىق كېكىرىشنى يوقىتىدۇ. چىش مىلىكلىرىنى چىڭىتىپ ، ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ. پەيلەرنى چىڭىتىدۇ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ. پىيازنى خام پېتى ئىستېمال قىلسا ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پىيازنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىدىن بۇرۇنغا تېمىتسا ، بۇرۇندىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.كۈندىلىك تاماققا 30-5- گرامغىچە پىيازنى قوشۇپ يېسە ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپ ، ئۇنۇتقاقلىقنى ياخشىلايدۇ. بەزى ماتېرىياللاردىن قارىغاندا پىياز يەنە راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

زۇكامنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى

1) 250گرام تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىقسۇغا بىرنەچچە سائەت چىلاپ قويغاندىن كېىيىن بىر كۈندىلا تۇرۇپنى يەپ، ئاچچىقسۇنى ئىچىپ بولۇش كىرەك. بۇ دورا تارقىلىشچان زۇكامغا باب كېلىدۇ. 2) 15گرام سامساقنى ئادالاپ سوقۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، 15مىللىلىتىر ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر چىنە ئۈگرىگە تېتىغۇدەك سېلىپ، ئۈگرىنى قىزىقىدا ئىچىپ، يېتىپ تەرلىنىش كېرەك. بۇ دورا ئادەتتىكى زۇكامغا باب كىلىدۇ. 3) توخۇ تۇخۇمىنى سۇغا سېلىپ، سۇنى قىزدۇرۇپ، سۇ قولنى كۆيدۈرگۈدەك بولغاندا تۇخۇمنى سۈزۈپ ئېلىپ كېسەلنىڭ قورساق، دۈمبە، پۇت- قوللىرى ئۈستىدە تېزلىك بىلەن ئون مىنۇت ئايلاندۇرۇش لازىم. بۇ ئۇسۇل ھەركۈنى بىر قېتىم ئىشلەنسە بولىدۇ. 4) 30گرام ئاق قىچا ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى پۇتنىڭ ئالقىنىغا چېپىپ بېرىش كېرەك. 5) 120گرام ئامۇت، 15گرام خام زەنجىۋىل، 15گرام سۇڭپىياز ئېقى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىپ قاينىتىلىدۇ. ئاندىن سۇغا ئىككى دانە توخۇ تۇخۇمى چېقىپ سېلىنىدۇ. بۇ دورىنى قىزىق پېتى ئىستېمال قىلىپ بولۇپ تەرلىنىش لازىم.

قەۋزىيەتنى داۋالاشتىكى يەككە دورىلار

1-رېتسىپ:ئاق ئۈجمە ئاز مىقتاردا. [تەييارلاش ئۇسۇلى] يۇيۇپ پاكىز تەييارلىنىدۇ. [شىپالىق رولى] ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش. [ئىشلىتىش ئۇسۇلى] مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 2-رېتسىپ:كۈدە ۋە سىركە مۇۋاپىق مىقتاردا. [تەييارلاش ئۇسۇلى] كۈدە سىركىدە پىشۇرۇپ تاييارلىنىدۇ. [شىپالىق رولى] تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش. [ئىشلىتىش ئۇسۇلى] مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 3-رېتسىپ: شاپتۇل چېچىكى ۋە كېپىكى ئازراق ئېلىنغان ئۇن مۇۋاپىق مىقتاردا. [تەييارلاش ئۇسۇلى] ئۇننى خېمىر قىلىپ شاپتۇل چېچىكى بىلەن چۆچۈرە قىلىپ تەييارلىنىدۇ. [شىپالىق رولى] تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش. [ئىشلىتىش ئۇسۇلى] مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 4-رېتسىپ: كۈنجۈت، ناۋات تەڭ مىقتاردا. [تەييارلاش ئۇسۇلى] ھەر ئىككىسى سوقۇپ تەييەرلىنىدۇ [شىپالىق رولى] تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش. [ئىشلىتىش ئۇسۇلى] مۇۋاپىق مىقتاردا دەملەپ ئىشىپ بېرىلىدۇ. 5-رېتسىپ:غولپىياز 20 گىرام، كالا سۈتى 300 مىللىلىتىر، ھەسەل 100 گىرام. [تەييارلاش ئۇسۇلى] ھەممىسى ئارىلاشتۇرۇپ تاييارلىنىدۇ. [شىپالىق رولى] تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش. [ئىشلىتىش ئۇسۇلى] ئەتىگەندە ئاچ قورساق ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 6-رېتسىپ:كۈنجۈت، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى 52 گىرامدىن، ھەسەل مۇۋاپىق مىقتاردا. [تەييارلاش ئۇسۇلى] دورائىلار يۇمشاق سوقۇپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. [شىپالىق رولى] ئادەتلەنگەن قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. [ئىشلىتىش ئۇسۇلى] كۈندە ئىككى قېتىم ئاچ قورساق ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 7-رېتسىپ:سوقۇلغان كۈنجۈت 250 مىللىلىتىر، بادام يېغى 250 گىرام، ياڭاق مېغىزى، ھەسەل 500 گىرامدىن، سۇ 500 مىللىلىتىر. [تەييارلاش ئۇسۇلى] بادام يېغىنى قازاندا چۈچۈتۈپ ئۈستىگە كۈنجۈت، ياڭاق مېغىزى، ھەسەل، سۇ قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. [شىپالىق رولى] ھامىلىدارلىقتىكى قەۋزىيەت ۋە ئادەتتىكى قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. [ئىشلىتىش ئۇسۇلى] ئەتىگەندە، كەچتە تاماقتىن بۇرۇن 20 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

سامساق تەركىپلىك رېتسىپلار

تەبىئىتى : قۇرۇق ئىسسىق تەركىبى : ھەر 100 گرام سامساق تەركىبىدە 4.4 گرام ئاقسىل ، 0.2 گرام ياغ، 23 گرام قەنت، 5 مىللىگرام كالتىسىي، 44 گرام فوسفور، 0.4 مىللىگرام تۆمۈر ، 0.9 مىللىگرام ۋىتامىن B1 ، 3 مىللىگرام ۋىتامىن C بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز مىقداردا سىنىك ، مىس، ماگنىي قاتارلىق مىكرو مىقدارلىق ئېلمىنىتلارمۇ بار . خۇسۇسىيىتى : بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، يەل ماڭدۇرۇش ، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قاننى تازىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش ، تەرلىتىش ،نەم پەيدا قىلىش، قاننى جانلاندۇرۇش ، ئىششىق ياندۇرۇش ، ئاغرىق توختىتىش، ھەر خىل مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە تورمۇزلاش. ئىشلىتىلىش: پۇتىغا قاداق پەيدا بولۇپ قالغاندا سامساقنى سوقۇپ تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن قاداق ئورنىنى پاكىز يۇيۇپ،ئىتتىك ، پىچاق بىلەن قاداقنىڭ قاسىرىقىنى ئېلىۋېتىپ، قاداقنىڭ مەركىزى قىسىمدىن ئازراق قان چىقىرىپ ياكى قان چىققۇدەك دەرىجىگە كەلتۈرۈپ ، يۇمشاق سوقۇلغان سامساقنى قاداق ئورنىغا 2-3 قېتىم تەكرار تېڭىپ بەرگەندە قاداقنى يىلتىزىدىن تۈگەتكىلى بولىدۇ. سامساقنى سىركىگە چىلاپ يەپ بەرسە ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ، پالەچ -لەقۋا، نىقرەس، مۇپاسىل، رەئىشە ، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەت قىلىدۇ. سامساقنى قاينىتىپ، ھورىغا يەڭگىگەن ئاياللارنى ئولتۇرغۇزسا بالا ھەمراھىنى چۈشۈرىدۇ، سامساق بېشىنى ئاقلاپ شۈمۈپ بەرسە ياكى ئاسالىق شىرنىسدىن ھەر 3-4 سائەتتە بىر قېتىم 12-25 گرام يەپ بەرسە ، گال ئاغرىقىغا مەنپەت قىلىدۇ. سامساقنى پۇراپ يەپ بەرسە ، دەسلەپكى كۆك يۆتەلگە ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولىدۇ. سامساقنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يالاپ بەرسە ، كۆكيۆتەلگە كۆرىنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ. سامساق شىرنىسىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەت كۈندە تۆت قېتىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ئۇيقىنى كەلتۈرىدۇ، تىبىركوليۇز كېسىلىگە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولىدۇ. سامساقنى داۋاملىق يەپ بەرسە يەل ھەيدەيدۇ، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. سامساقنى كۈنجۈت يېغى بىلەن پىشۇرۇپ يەرلىك ئورۇننى مايلاپ بەرسە ، بوغۇن ھە بەل ئاغرىقىغا كۆرىنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ. سامساقنى تۆشۈدۈر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ ئاق كېسەلگە ، بەھەقكە سۈرۈپ بەرسە ياخشى مەنپەت قىلىدۇ. ئۇنۇتقاقلىققا مەنپەت قىلىدۇ. سامساقنى زەھەرلىك ھاشارەتلەر چېقىۋالغان ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە ئاغرىق پەسەيتىدۇ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ. سامساقنى ئېزىپ ھەسەل سۈيى بىلەن ئىستېمال قىلسا پالەچ، لەقۋا كېسەللىكلىرىگە ياخشى مەنپەت قىلىدۇ. سامساقنى سىقىپ شىرنىسنى چىقىرىپ ، سۇ بىلەن ياكى مۇۋاپىق كېلىدىغان شەربەتلەر بىلەن چوڭلار 4-6 سائەتتە 2-4 مىللىلىتىر، بالىلار 1-2 مىللىلىتىر ئىچىپ بەرسە ، ئۈچەي كېزىكىگە مەنپەت قىلىدۇ. ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە ھەر كۈنى بىر نەچچە تال خام سامساقنى يەپ تۇرسا ، تولغاق كېسەللىكى ۋە ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . قىش پەسىلدە سامساقنى يۇمشاق سوقۇپ ، سۈيىگە 10 ھەسسە سۇ قوشۇپ ، بۇرۇنغا كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا 5-6 كۈن سۈرسە ، ئۈششۈك يارىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كېكىردەك ئاغرىپ قالغاندا ياكى ئانگىنا كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغاندا، سامساقنى چايناپ سۈيىنى شورىسا ، ياللۇغنى ياندۇرۇپ ، ئاغرىقنى توختىدۇ ، ھەرە چېقىۋالسا ، سامساقنى يۇمشاق سوقۇپ سۈيىنى ھەرە چېقىۋالغان يەرگە سۈرسە ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ. چىش ئاغرىغاندا چىشنىڭ قۇرۇت يېگەن يېرىنى پاكىز تازىلاپ ، سوقۇلغان سامساقتىن بىر ئاز تىقىپ قويسا ئاغرىقى توختىتىدۇ. چىش ئاغرىغاندا چىشنىڭ قۇرۇت يېگەن يېرىنى پاكىز تازىلاپ ، سوقۇلغان سامساقتىن بىر ئاز تىقىپ قويسا ئاغرىقىنى تىقىپ قويسا ئاغرىقىنى توختىدۇ. ئەگەر ئاچچىق -چۈچۈك مېۋىلەرنى يېگەنلىك سەۋەبىدىن چىش قاماپ قالسا ، خام سامساقنى چاينىسا ئوڭشىلىپ قالىدۇ. سامساق يەپ ئېغىز سېسىق پۇرىسا ، قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىۋەتسە ياكى چاي شامىسنى چاينىسا سېسىق پۇراق يوقايدۇ. سامساقنىڭ تەمى ئاچچىق ، تەسىر قىلىش خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا ، ئۇنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان كېسەللىكى بار كىشلەر سامساقنى كۆپ يېيىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى لازىم .

كۆكتاتلار يىلتىزنىڭ شىپالق رولى

1.كەرەپشە يىلتىزى: كەرەپشە يىلتىزىدىن 60 نى 10 دانە چىلان بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ، چىلاننى يەپ ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 2.كۈدە يىلتىزى : كۈدىنى يىلتىزى بىلەن يانچىپ شىرنىسىنى يىلمان قايناق سۇغا قوشۇپ كۈندە بىر قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە سوزۇلما قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ. كۈدە يىلتىزىغا تۇخۇم قوشۇپ ، قارا شېكەر سۈيىدە قاينىتىپ ئىچسە ئاق خۇننى داۋالايدۇ. كۈدە يىلتىزىنى يانچىپ يارىغا سۈركەپ قويسا يىقىلىشتىن بولغان يارىغا مەنپەت قىلىدۇ. ئۇيىغان قاننى راۋانلاشتۇرۇپ ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، ئاغرىق ۋە قاننى توختتىدۇ. 3. ئاچچىق كاۋا يىلتىزى: ئاچچىق كاۋا يىلتىزىنى قۇتۇرۇپ ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ غەلۋېرەك- چىقانلارغا ، تىلما كېسىلىگە ، كۆز يارىسىغا سۈركەپ بەرسە شىپا بولىدۇ. 60 گرام ئاچچىق كاۋا يىلتىزى 30 گرام ناۋات بىلەن سۇدا قاينىتىپ ئىچسە تولغاقنى داۋالايدۇ. 4. سۇڭپىياز يىلتىزى : 20 تال سۇڭپىياز يىلتىزى بىلەن قوشۇپ ئۇماچتەك پىشۇرۇپ ئازراق ئاچچىق سۇ قوشۇپ ئىسسىقىدا ئىچىپ تەرلەنسە باش ئاغرىپ ، بەدەننى قىزىتىشنى داۋالايدۇ. 5. تەرخەمەك يىلتىزى: يېى تېرىلغان تەرخەمەك يىلتىزدىن 30 گرام سۇدا قاينىتىپ شېكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ئۆتكۈر ئۈچەي ياللۇغۇنى ، ئىچ سۈرۈشنى دۋالايدۇ.يىقىلىشتىن قىزىرىپ ، ئىششىپ قىزىتىپ ئاغرىغان ئورۇنغا يانچىلغان تەرخەمەك يىلتىزىنى سۈركەپ قويسا مەنپەت قىلىدۇ. 6. پىدىگەن يىلتىزى : پىدىگەن يىلتىزى ۋە ئانار پوستىنى يۇمشاق يانچىپ 6 گرامدىن كۈندە 2-3 قېتىمغىچە ئىچىپ بەرسە ئۇزۇنغىچە ساقايمىغان تولغاقنى ساقايتىدۇ. 7. يېسىۋېلەك يىلتىزى : بىر تال يېسىۋېلەك يىلتىزىغا 30 گرام قارا شېكەر، 3 پارچە خام زەنجىۋىلنى قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچسە زۇكامنى داۋالايدۇ. 8.ئاغىچا يىلتىزى: يېڭى ئاغىچە يىلتىزىنى پاكىزە يۇيۇپ يانچىپ شىرنىسىنى ئىچىپ بەرسە قانلىق تولغاقنى داۋالايدۇ. قىزىل مۇچ يىلتىزى: قىزىل مۇچ يىلتىزى بىلەن پىدىگەن يىلتىزلىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينتىپ ھەر خىل ئۈششۈك يارىسنى يۇيۇپ بەرسە ياخشى مەنپە قىلىدۇ.