خام دورىلار

تەپسىلاتى

دورا نامى ئاق مەۋسەل
رەسىمى
تونۇش نامى ئاق مەۋسەل
پارسچە نامى مەۋسەل ئەبيەز
ئوردۇچە نامى  مەۋسەل سەفىد 
ئەرەبچە نامى  مەۋسەل سەفىد
خەنزۇچە نامى 麦冬mai dong
ئېنگىلىزچە نامى Radix Ophiopogonis
لاتىنچە نامى Dwarf Lilyturf Root Tuber
تونۇش مەۋسەلنىڭ تۈگۈنەك غولىدىن ئىبارەت.
چىقىش ئورنى تاغ باغرىدىكى ئورمانلاردىن چىقىدۇ.
خاسلىقى يۈرەك ۋە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ، ئاشقازان، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
خاس تەسىرى يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش
ئەكىس تەسىرى تال ۋە ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئاق مەۋسەل، ئاق سەندەل، بىدىمىشكى قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ ئەرەق تارتىپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە، يۈرەك چالاڭغۇراش ۋە يۈرەك ئاجىزلىقىغا شىپا بولىدۇ
مىقدارى 9~12 گرام
ئورۇنباسارى پىششىق ئەگرىسۇناي
تۈزەتكۈچىسى ئاق سەندەل
مۇرەككىباتى (ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى) سۇپۇپى مەۋسەل
ئائىلىسى گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك
يىغىش باھار پەسلىدە 2-3 يىل بولغان ئاق مەۋسەلنى يىغىۋېلىندۇ،
ساقلاش  يىلتىزىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن پاكىز يۇيۇۋېتىپ، 3-4 كۈن قاتتىق ئاپتاپقا سېلىنىدۇ، ئاندىن شامال ئۆتىشىدىغان يەرگە دۆۋىلەپ قويۇپ، 3 كۈن ئەتراپىدا  سۇيىنى پارلاندۇرىمىز،ئاندىن يەنە قۇرۇتىمىز، مۇشۇنداق2-3 قېتىم قايتىلايمىز،ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئارىلاشما ماددىلىر
كېسەللىك مىسالى يۈرەك ئاجىزلىقى، يۆتەل، قان تۈكۈرۈش، قان قۇسۇش،ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى، نېرۋا ئاجىزلىقى، باھ ئاجىزلىقى قاتارلىقلار كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
دورىلىق ئورنى  ئاق مەۋسەلنىڭ تۈگۈنەك غولى
ئۈنۈملۈك تەركىبى كۆپ خىل گلوكوزىد، كۆپ خىل سىتروئىدلىق ساپونىن، شىلىمشىق ماددىلار بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر) ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى