خام دورىلار

تەپسىلاتى

دورا نامى ئاق پارپا
رەسىمى
تونۇش نامى ئاق پارپا
پارسچە نامى جەدۋار چېنى ، بېيىش 
ئوردۇچە نامى جدۋارچينى
ئەرەبچە نامى جدۋار چينى، جدور چىينى 
خەنزۇچە نامى 附子fu zi
ئېنگىلىزچە نامى Radix Aconitium Lateralis Preparata
لاتىنچە نامى 燩repared Dughter root Common monkshood
تونۇش ئەسلى ئۆسۈملۈكى جەدۋارچىندىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۈچ خىل تۈرى بار . 1. تۇزلۇق جەدۋار ، سىرىتقى يۈزى كۈلرەڭ بولۇپ تىلنى قورۇيدۇ، پۇراقسىز  2.  ئارا جەدۋار ، سىرىتقى يۈزى قارامتۇل، مايلىق، پارقىراق، تەمى سۇس پۇراقسىز. 4. ئاق جەدۋار ھەممە يېرى ئاقۇش ، تەمسىز كېلى
چىقىش ئورنى ئېلىمىزنىڭ سىچۈەن، شەنشى، شىمالى شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ
خاسلىقى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قورۇش، چىڭىتىش ، ئاغرىق پەسەيتى، پەي ۋە مۇسكۇلنى چىڭىتىش، تەبىئەتنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى بار. 
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خاس تەسىرى ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش
ئەكىس تەسىرى  باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، زەھەرلىك
ئىشلىتىش ئۇسۇلى 1. 3 گىرام جەدۋارنى ئېزىپ تالقان قىلىپ، 10 گرام داۋايى مىشكىگە قوشۇپ، كۈندە 1~2 گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە يۈرەك ئاجىزلىق، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدۇ. 2. جەدۋارنى زەيتۇن يېغىغا سۈرۈپ ، مەلھەم تەييارلاپ سىرتىدىن يەرلىك ئورۇنغا زىماد قىلسا ، پالەچ ، لەقۋا كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدۇ . 3. جەدۋارنى سۆلەپ شەقاقۇل، ئاقىرقەرھالاردىن تەڭ مىقداردا ئىلىپ، تالقان قىلىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە جىنسى ئاجىزلىققا شىپا قىلىدۇ . 4. جەدۋارنى سىركىگە سۈرۈپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈپ ئۇۋىلاپ  بەرسە، بوغۇم ئۆسۈكچە كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ
مىقدارى  قايناتمىسى 3 ~ 10 مىللىلىتىر
ئورۇنباسارى سۈت ، سىركە
تۈزەتكۈچىسى  زورەنبات ، ئارا پارپا
مۇرەككىباتى (ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى)  ھەببى جەدۋار 
ئائىلىسى ئېيىقتاپانلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك
يىغىش ئۆسۈملۈكى تولۇق يېتىلگەندە كولاپ ئېلىپ يېغۋىلىنىدۇ
ساقلاش  قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.
كېسەللىك مىسالى  سۇلۇق ئىششىق، پالەچ، ئىستىرخا، پەي مۇسكۇللار بۇششىش، جىنسىي ئاجىزلىق، لەقۋا كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ. 
دورىلىق ئورنى ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى
ئۈنۈملۈك تەركىبى تەركىبىدە مىساكونتىن (mesaconitine) خىپا كونتىن (Hypacointine), ئاكونتىن (aconitine)، كاراكولىن (karakoline) قاتارلىقلار بار. 
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر) ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى