خام دورىلار

تەپسىلاتى

دورا نامى ئاقىرقەرھا
رەسىمى
تونۇش نامى ئاقىرقەرھا
پارسچە نامى ئۇدۇلقەرج ئاقىرقەرھا 
ئوردۇچە نامى بىخ تەرخۇن كۇھى
ئەرەبچە نامى ئاقىرقەرھا
خەنزۇچە نامى 阿那其根 a na qi gen
ئېنگىلىزچە نامى Radix Anacyclus Pyrethri
لاتىنچە نامى Pyrethrum root
تونۇش بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ ،شاخلىرى يوپۇرمىقى ،گۈلى چوڭ ،ئاق گۈللۈك بابۇنىگە ئوخشايدۇ . لېكىن ئاقىرقەرھانىڭ شاخلىرى تۈكلۈك ،زىمىن ئۈستىگە يېيىلاڭغۇ بولىدۇ .بىر يىلتىزدىن كۆپلىگەن شاخلاپ چىققان بولۇپ ،شاخلىرىنىڭ بېشىدا گۈمبەزگە ئوخشاش يۇمىلاق گۈل ئېچىلىدۇ . رە
خۇسۇسيىتى تەمى ئاچچىق يىلتىزىنىڭ شەكلى سىلىندىرسىمان، ئەگىرى – بۈگرى، رەڭگى قوڭۇرغا مايىل،  خۇش پۇراق
خاسلىقى توسالغۇلارنى ئېچىش، مىڭىنى تازلاش، بەلغەملەرنى يوقىتىش ، ئومۇمىي بەدەن، پەيلەرگە قۇۋۋەت بېرىش، تىلدىكى ئېغىرلىقنى يوقىتىش ، كۆكرەك، چىش، بوغۇملارنىڭ ئاغرىغىنى پەسەيتىش ، ئىستىسقاغا مەنپەئەت قىلىش ،سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ جىنسي قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش، سۈيدۈكنى، ھېيىزنى، سۇتنى تەرنى ماڭدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
تەبىئىتى 3 – دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق 
خاس تەسىرى بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا
ئەكىس تەسىرى  ئۇپكىگە زىيان قكىلىدۇ
ئىشلىتىش ئۇسۇلى 1. گۇل يېغى بىلەن بۇرنىغا تېمىتىلسا شەقىقە ۋە بەلغەم خارەكتىرلىك قاتتىق باش ئاغرىغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ . 2. ئاقىرقەرھانى سىركىگە چىلاپ ئاغرىق چىش بىلەن چىشلەپ تۇرسا ،ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ . 3. ئاقىرقەرھانى چاينىسا ياكى سوقۇپ تىلنىڭ تېگىگە سېپىلسە ھۆللۈكنى تارتىپ، تىلدىكى ئېغىرلىقنى كۆتىرىدۇ. 4. قاينىتىلغان سۈيىنى ئېغىزغا ئېلىپ تۇتۇپ تۇرسا، بوشىغان چىشلىرىنى چىڭىتىدۇ. 5.ئاقىرقەرھا 10 گرام، كاۋاۋىچىن 7 گرام، تۇخۇم سېرىقى 2 دانە ئېلىپ سىپۇپ قىلىپ يېسە باھنى، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. بۆرەكنى قىززىتىدۇ. 6.ئاقىرقەرھا، كۇندۇردىن 10 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېسە سۇپۇپ قىلىپ يېسە سۈيدۈك تۇتالماسلىق، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىشكە شىپا بولىدۇ. 7. ئاقىرقەرھانى سوقۇپ كۈندە 10 گرامدىن ھەسەل سۈيى بىلەن يېسەل پالەچ، رەئىشە ئىستىرغا كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.
مىقدارى 3 گىرامغىچە
ئورۇنباسارى كەتىرا ،تۇخىمەكنىڭ ئۇرۇقى
مۇرەككىباتى (ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى)  پىلپىل تاتلىق قۇستە
ئائىلىسى مەجۇنى سۇئىلەپ،ھەببى ئىمىرساك 
يىغىش كۈز پەسلىدە يىغىۋىلىندۇ 
ساقلاش قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ
كېسەللىك مىسالى باھ ۋە بەدەن ئاجىزلىقى، لەقۋا، پالەچ، ئىستىرقا، بۆرەك سوۋۇپ كېتىش مەنى تېز يۈرۈپ كېتىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، تارتىشىپ قېلىش، رەئىشە، باش ئاغرىقى، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ھەيز راۋان بولماسلىق، تىل ئېغىرلىق، يۆتەل، بەلغەم تۈكۈرۈش، ئاق كېسەل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
دورىلىق ئورنى يىلتىز
ئۈنۈملۈك تەركىبى ئۇچۇچان ماي، فىللاۋون، تەنىن ماددىسى، ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر) ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى