خام دورىلار

تەپسىلاتى

دورا نامى ئاچچىق تاۋۇز
رەسىمى
تونۇش نامى شەھمەنزەل
پارسچە نامى شەھمەنزەل
ئوردۇچە نامى خـەربـوزە تـەلـىـخ
ئەرەبچە نامى ئەندىرائىن
خەنزۇچە نامى 瓜蒌gua luo
لاتىنچە نامى Aqqik tawuz
تونۇش مېۋە
چىقىش ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزدىن، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرىدىكى ئىران، ئەرەبىستان، فرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ
خۇسۇسيىتى شەكلى يۇمىلاق، كىچىك  ئانار چوڭلۇقىدا، سىرتقى يۈزى سىلىق، ئاچ سېرىق رەڭدە، ئىچىدە ئۇرۇقى بار
خاسلىقى غەيرىي تەبىئىي بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتىنى سۈرۈش، مېڭىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، بەلغەمنى بوشىتىش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، يەل ۋە ئىششىقلارنى تارقىتىش
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
ۋاقتى 9-، 11-ئايلار
خاس تەسىرى غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنى سۈرگۈچى دورا
ئەكىس تەسىرى كۆپ ئىشلىتىلسە ئىسسىق مىجەز كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ، ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ
ئىشلىتىش ئۇسۇلى 1 . ئاچچىقتاۋۇز 33 گرام ، سۇڭپىياز 6گرام، زاراڭزا چېچىكى9گرام، شاپتۇل مېغىزى 9 ~ 15 گرام، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، توسالغۇلارنى ئېچىپ، ئىششىق ياندۇرۇپ، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.2. ئاچچىقتاۋۇز 18 گرام، مامكاپتىن 60 گرام ئېلىپ قاينىتىپ، سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مىقدارى 2.5 ~ 3 گرام
ئورۇنباسارى ئابدىمىلىك ياكى باراۋەر مىقداردا قىچا، ئادراسمان
تۈزەتكۈچىسى نىشاستە، كەتىرا، ئەرەب يېلىمى
مۇرەككىباتى (ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى) ھەبىبى ھەنزەل، ھەببى قۇقىيا، مەتبۇخى ئەفتىمۇن
ئائىلىسى كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك
يىغىش مېۋىسى پىشىپ سارغايغاندا ئۈزۈپ يېغۋىلىنىدۇ
كېسەللىك مىسالى سۇلۇق ئىششىق، سېرىقلىق چۈشۈش، ئادەتلىنىش خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى، يېرىم باش ئاغرىش، سەۋدا ۋە بەلغەمدىن بولغان باشنىڭ ئېغىرلىقى، يۈرەكنىڭ مۇجۇپ ئاغرىشى، پالەچ، لەقۋا، تۇتقاقلىق، چىش ئاغرىقى، قۇلاق ئاغرىقى، ئۇنۇتقاقلىق، يۆتەل، دېمى سىقىلىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ
دورىلىق ئورنى قۇرۇتۇلغان مېۋىسى
ئۈنۈملۈك تەركىبى مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە %6 ئەتراپىدا گلۇكوزىد، سىتروللول (citrullel)، فىتوسىتىرىرول (phytosterot) كولۇسىنتىن (colocynthin) قاتارلىقلار بار
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر) ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى