لايىقلاشتۇرۇش

تۆمۈر كىپىكىنى قورۇش ئۇسۇلى

                        ) ئىكەكلەپ تەييارلانغان تۆمۈر كېپىكىنى قېيىق شەكىللىك سالايە ھاۋانچىسىغا تۆكۈپ، ئۈستىدىن تۆمۈر كېپىكى چىلاشقۇدەك مىقداردا سىركە قۇيۇپ سالايە قىلىپ، ئاندىن ئۇنى داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ، سۇس ئوتتا قىزدۇرۇپ، سىركە پارلاندۇرۇۋېتىلىدۇ.
   2) سىركە قىسمى پۈتۈنلەي پارلىنىپ بولغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردىكى سېرىق ماي ياكى بادام يېغىنى تۆكۈپ، تۆمۈر كېپىكى بىلەن پۈتۈنلەي ئارىلىشىپ بولغۇچە قورۇپ، ئاندىن قازاندىن ئېلىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
    ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان تۆمۈر كېپىكىنىمۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى:
   تۆمۈر كېپىكىنى مايدا قورۇغاندا ساپلىقى ئاشىدۇ ھەم ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدىكى سۈمۈرۈلۈشى تېز بولىدۇ.