لايىقلاشتۇرۇش

سۈرمىنى قورۇش ئۇسۇلى

                        1) سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا پارچىلانغان سۈرمىنى تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر سۇس ئوت كۈچى بىلەن  قورۇلىدۇ.
   2)  سۈرمىنى قىزدۇرۇپ 20~30 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن سۈرمە بوشىشىپ، چۈرۈكلىشىپ ئۆزلۈكىدىن پارچىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۈستىدىن سۈرمە بىلەن ئۆزلەشكۈدەك مىقداردا كۈنجۈت مېيى قۇيۇپ تەكشى قورۇپ،  سۈرمە ماينى تەكشى ئۆزلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قازاندىن ئېلىپ، پاكىز تەڭنە ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان سۈرمىنى ئېغىزلىق قاچىلارغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   سۈرمىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە سوغۇق بولۇپ، مايدا قورۇغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇقى ئارتىپ، چۈرۈكلىشىپ، بوشىشىپ،  سوقۇشقا ۋە سالايە قىلىشقا ئوڭايلىشىدۇ. يېپىشقاقلىقى ۋە پارقىراقلىقى ئېشىپ، ئۈنۈمى يۇقىرىلايدۇ.