لايىقلاشتۇرۇش

بەلىلىنى قورۇش ئۇسۇلى

                        1) سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا ھېلىلە كابىلە ئۆزلەشكۈدەك بادام يېغى قۇيۇپ قىزدۇرۇپ، ئۈستىگە ساپلاشتۇرۇلغان بەلىلىنى تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر سۇس ئوت كۈچى بىلەن  قورۇلىدۇ.
   2)  قورۇش جەريانىدا بەلىلىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ،بەلىلە ماينى ئۆزىگە تولۇق سۈمۈرۈپ،  رەڭگى قېنىقلىشىپ، كۆيۈشكە باشلىغاندا دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان بەلىلىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   بەلىلىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، مايدا قورۇپ لايىقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن سوغۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ. ئاشقازان-ئۈچەي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئىچ سۈرۈشنى ۋە قاناشنى توختىتىش رولى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرىلايدۇ.