لايىقلاشتۇرۇش

خام دورىلارنى ساپلاشتۇرۇش

                         بۇ ھەر خىل ئۈسكۈنە ۋە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئۆسۈملۈك، ھايۋان ۋە مەدەن دورىلاردىكى چاڭ-توزان، قۇم-شېغىل، لاي-لاتقىلارنى ھەمدە بۇزۇلغان، چىرىگەن، پىشمىغان ۋە قۇرۇتۇلمىغان دورىلارنى سۇ ياكى ئىسپىرت ئارقىلىق يۇيۇش، سۈرتۈش، تاسقاش ياكى سورۇش ئارقىلىق كېرەكسىز قىسىملىرىنى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت بىر خىل تېخنىكىلىق مەشغۇلات جەريانىدىن ئىبارەت.
   ساپلاشتۇرۇش - ئىلغاپ ساپلاشتۇرۇش، يۇيۇپ ساپلاشتۇرۇش ۋە سۈرتۈپ ساپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
    ساپلاشتۇرۇشتىن ئۈلگە تۆۋەندە ساپلاشتۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەم ئادەتتىمۇ ساپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈلىدۇ.
    1. تەرەنجىبىننى ساپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى: تاسقاش ئارقىلىق ئىلغاپ ساپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدا يىغىۋېلىنغان تەرەنجىبىننى مۇۋاپىق كۆزلۈك ئەلگەككە ئۆلچەملىك مىقداردا سېلىپ، ئەركىن تاسقاش ئارقىلىق تەركىبىدىكى قۇم-شېغىل ۋە لاي-توپىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ تەييارلىنىدۇ. ساقلاش ئۇسۇلى: تاسقاپ ساپلاشتۇرۇلغان تەرەنجىبىننى مۇۋاپىق بولغان قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ. لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: تەرەنجىبىننىڭ سۈپىتى ياخشىلىنىپ، ئىشلىتىشكە قولايلىق بولىدۇ ھەمدە ياسالمىلارغا ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئىشلىتىش قىممىتى يۇقىرىلايدۇ.
   2. بادام مېغىزىنى ساپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى: پوستىدىن ئايرىش ئارقىلىق ئىلغاپ ساپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدا يىغىۋېلىنغان بادامنى چېقىپ، شاكىلىدىن ئايرىپ، ئاندىن ئۇنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇغا يېرىم سائەت چىلاپ قويۇپ، بادام مېغىزى ئېسىلىپ، سىرتقى پوستى يۇمشىغاندا ئاندىن ئۇنى سۈزۈۋېلىپ، قول بىلەن پوستىدىن ئاجرىتىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. ساقلاش ئۇسۇلى: ساپلاشتۇرۇپ تەييارلانغان بادام مېغىزىنى مۇۋاپىق بولغان قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم ھاشاراتتىن خالىي قويۇپ ساقلىنىدۇ. لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: بادام مېغىزىنى ياسالمىلارغا كەلتۈرۈشتىكى دەسلەپكى شارائىت ھازىرلانغان بولىدۇ. ياسالمىلاردىكى ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
 3. چىلغوزىنى ساپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى: پوستىنى ئايرىش ئارقىلىق ئىلغاپ ساپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. چىلغوزىنى كىچىك بولقا بىلەن يەڭگىل ئۇرۇپ ياكى قول بىلەن ئېزىپ چىقىپ، ئاندىن ئىچىدىكى مېغىزىنى ئايرىپ ئېلىپ تەييارلىنىدۇ. ساقلاش ئۇسۇلى: ساپلاشتۇرۇپ تەييارلانغان چىلغوزا مېغىزىنى مۇۋاپىق ئېغىزلىق ئەينەك قاچىلارغا ياكى باشقا قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم ھاشاراتتىن خالىي قويۇپ ساقلىنىدۇ. لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: چىلغوزا مېغىزىنىڭ سۈپىتى ياخشىلىنىپ، ئۇنى ياسالمىلارغا كەلتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى شەرتى ھازىرلانغان بولىدۇ.
  4. چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى ساپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى: پوستىدىن ئايرىش ئارقىلىق ئىلغاپ ساپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدا ساپلاشتۇرۇلىدىغان ھەر بىر تال چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى قول ياكى ئامبۇردا قىسىپ تۇتۇپ، ئاندىن پىچاق قاتارلىق ئۆتكۈر تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى پوستىنى قىرىپ تاشلاپ ساپلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ساقلاش ئۇسۇلى: ساپلاشتۇرۇپ تەييارلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ. لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنىڭ سۈپىتى ياخشىلىنىپ، ئۇنى ياسالمىلارغا كەلتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى شەرتى ھازىرلانغان بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ياسالمىلاردىكى شىپالىق تەركىبلىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تېزلىشىپ ئۈنۈمى يۇقىرىلايدۇ.
  5. كاسىنە يىلتىزىنى ساپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى: پۈركۈپ يۇيۇش ئارقىلىق ئىلغاپ ساپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدا ساپلاشتۇرۇلىدىغان كاسىنە يىلتىزىنى پۈركۈش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق سۇ پۈركۈپ، ئۇنىڭدىكى چاڭ-توزان ۋە قۇم-شېغىل قاتارلىق كېرەكسىز ئارىلاشمىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئاندىن ئۇنى كۈن نۇرى بىۋاسىتە چۈشمەيدىغان، سالقىن، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئورۇندىكى پاكىز دورا ياكى تاختاي قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ، ئوبدان قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. ساقلاش ئۇسۇلى: ساپلاشتۇرۇپ تەييارلانغان كاسىنە يىلتىزىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ. لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: كاسىنە يىلتىزىنىڭ سۈپىتى ياخشىلىنىپ، ياسالمىلارغا ئۈنۈمى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىش قىممىتى يۇقىرىلايدۇ.
   6. ئالمىنى ساپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى: قول بىلەن سۈرتۈپ ساپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدا ساپلاشتۇرۇلىدىغان ھەر بىر تال ئالمىنى قول بىلەن تۇتۇپ، پاكىز رەختلەرگە سۈرتۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ سىرتقى قىسمىغا چاپلىشىپ قالغان قۇم، توپا، چاڭ-توزانلارنى تولۇق چىقىرىپ تاشلاش ئارقىلىق ساپلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ساقلاش ئۇسۇلى: ساپلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ئالمىلارنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق سالقىن ھەم ھاشاراتتىن خالىي قويۇپ ساقلىنىدۇ. لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: ئالمىنىڭ سۈپىتى ياخشىلىنىپ، ئىشلىتىش قىممىتى يۇقىرىلايدۇ، ئۇندىن باشقا ئۇنى ياسالمىلارغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھازىرلانغان بولىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرىنى لايىقلاشتۇرۇش ئىلمى ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.