لايىقلاشتۇرۇش

ئۇيغۇر تېبابىتىدە خام دورىلارنى توغراش

                         بۇ ھەر خىل توغراش ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، تېنى قاتتىق، ھەجمى چوڭ، كېلەڭسىز دورىلارنى قاچىلاش، قۇۋۋىتىنى ئاجرىتىپ ئېلىشقا ئوڭايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئۆلچەم، شەكىلدە توغراش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان تېخنىكىلىق مەشغۇلاتتىن ئىبارەت.  
   توغراشتىن ئۈلگە
   تۆۋەندە توغراشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەم ئادەتتىمۇ توغراپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈلىدۇ.
   1. بۇغا مۈڭگۈزىنى توغراش ئۇسۇلى:
        بۇنىڭدىمۇ ئاساسلىقى نېپىز  توغراش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
    ساپلاشتۇرۇلغان بۇغا مۈڭگۈزىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى مۇسەللەسكە بەلگىلىك ۋاقىت چىلاپ قويۇپ،بۇغا مۈڭگۈزى يۇمشىغاندا ئېلىپ، توغراش ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى مىللىمېتىر قېلىنلىقتا توغراپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: توغراپ تەييارلانغان بۇغا مۈڭگۈزىنى قۇرۇتۇپ، مۇۋاپىق قاچىلاش ماتېرىيالىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
    لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
    ياسالمىلاردىكى قۇۋۋەتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تېز بولىدۇ، قۇرۇتۇشقا قولايلىق بولىدۇ.
   2. رەۋەننى توغراش ئۇسۇلى:
   بۇنىڭدا ئاساسلىقى قېلىن توغراش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
   ساپلاشتۇرۇلغان رەۋەننى توغراش سايمانلىرىدىن پايدىلىنىپ 2~4 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا توغراپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى:
   توغرالغان رەۋەننى قۇرۇتۇپ، مۇۋاپىق قاچىلاش ماتېرىيالىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   رەۋەننى قۇرۇتۇشقا ھەم ساقلاشقا ئاسان بولىدۇ.
3. زەنجىۋىلنى توغراش ئۇسۇلى:
   بۇنىڭدىمۇ ئاساسلىقى قېلىن توغراش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. 
   ساپلاشتۇرۇلغان زەنجىۋىلنى توغراش سايمانلىرىدىن پايدىلىنىپ 2~4 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا توغراپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى:
   توغرالغان زەنجىۋىلنى قۇرۇتۇپ، مۇۋاپىق قاچىلاش ماتېرىيالىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   زەنجىۋىلنى قۇرۇتۇشقا ھەم ساقلاشقا ئاسان بولىدۇ.
   4. پىلىنى توغراش ئۇسۇلى:
   بۇنىڭدا ئاساسلىقى قىرقىپ توغراش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
   ساپلاشتۇرۇلغان پىلىنى قايچا ياكى باشقا مۇۋاپىق قىرقىپ توغراش ماشىنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، تالقان ھالەتكە كەلتۈرۈپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى:
   تەييارلانغان پىلىنى قۇرۇتۇپ، مۇۋاپىق قاچىلاش ماتېرىيالىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   قاچىلاشقا ھەم ياسالما شەكىللىرىگە كەلتۈرۈشكە قۇلاي بولىدۇ. قاينىتىلمىدا قۇۋۋىتى تېز ئاجرىلىپ چىقىدۇ.
   5. بەدىيان يىلتىزى پوستىنى توغراش ئۇسۇلى:
   ئاساسلىقى يىپچە توغراش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
   ساپلاشتۇرۇلغان بەدىيان يىلتىزى پوستىنى توغراش ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇزۇنچاق توغراپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى: توغراپ تەييارلانغان بىخ بەدىياننى قۇرۇتۇپ، مۇۋاپىق قاچىلاش ماتېرىيالىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   بەدىيان يىلتىزى پوستىنى قۇرۇتۇشقا ھەم قاچىلاشقا ئاسان بولىدۇ.
 
ئۇيغۇر تېبابىتى پىششىق دورىلار ئىلمى ناملىق كېتابتىن ئېلىندى.