لايىقلاشتۇرۇش

ئۇيغۇر تېبابىتىدە خام دورىلارنى قورۇ

                         بۇ دورىلارنى ھەر خىل ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، ئوت كۈچى بىلەن قوشۇمچىلارسىز ياكى دانلىق قۇم، ماي، ئاچچىقسۇ، سىركە، تۇز قاتارلىق قوشۇمچىلارنىڭ ياردىمىدە، بەزلەش، مايلىق، سېسىق پۇراقلىق، تەمى ئۆتكۈر ئاچچىق ھەم قاڭسىق دورىلارنىڭ ھۆللۈكىنى تۆۋەنلىتىپ، چۈرۈكلەشتۈرۈپ، سوقۇشقا ئوڭايلاشتۇرۇش، قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، تەم ھەم پۇرىقىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل تېخنىكىلىق مەشغۇلات جەريانىدىن ئىبارەت.
    قورۇش-دورىلارنىڭ تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى، خۇسۇسىيىتى ۋە قورۇشتىكى مەقسىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن قۇرۇق قورۇش ۋە قوشۇمچىلار ياردىمىدە قورۇش دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
قۇرۇق قورۇش-ئوت كۈچى بىلەن ھېچقانداق قوشۇمچىلارنى قوشماي قورۇش ئارقىلىق ھۆللۈكىنى تۆۋەنلىتىپ، سوقۇشقا قولايلىقلاشتۇرۇش، قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، تەم ۋە پۇرىقىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل تېخنىكىلىق مەشغۇلات جەريانىدىن ئىبارەت بولۇپ، دورا ئەشيانى قۇرۇق قازان ياكى تاۋىغا تۆكۈپ، دورىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قىزدۇرۇپ ھەمدە دورىنى ئۈزۈكسىز ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ، دورا تەكشى قورۇلۇپ، ھەر قايسى دورا ئەشيالار ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە (مەسىلەن: ھەر خىل رەڭلەرگە كىرىش، چاراسلاپ يېرىلىش، قويۇق دورا پۇرىقى كېلىش قاتارلىقلار) ئۆلچەملىك قۇرۇق قورۇش تەلىپىگە يەتكەندىن كېيىن ئاندىن قورۇشنى توختىتىپ قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. قوشۇمچىلار ياردىمىدە قورۇش ئىشلىتىلگەن قوشۇمچىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن قۇمدا قورۇش، مايدا قورۇش، ئاچچىقسۇ ياكى سىركىدە قورۇش، تۇزدا قورۇش دەپ تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ.
   قورۇشتىن ئۈلگە
   تۆۋەندە قورۇپ لايىقلاشتۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەم ئادەتتىمۇ قورۇپ لايىقلاشتۇرۇلىدىغان دورىلارنى تونۇشتۇرىمىز1. قىچىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1) ساپلاشتۇرۇلغان قىچىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ، قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچىنى يۇقىرى قىلىپ، كېيىن قورۇش جەريانىدا ئوت كۈچى تەدرىجىي تۆۋەنلەشتۈرىلىدۇ.
   2) قورۇش جەريانىدا قىچىنى ئۈزۈكسىز ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇش ۋە قىچا چاراسلاپ يېرىلىشقا باشلاپ، ئاچچىق پۇراق كېلىش بىلەن بىرگە، رەڭگى قېنىق رەڭگە كىرگەندە دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان قىچىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   قىچىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، قورۇلغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇق دەرىجىسى ئارتىپ، تۆتىنچى دەرىجىدە قۇرۇق، ئۈچىنچى دەرىجىدە ئىسسىق بولىدۇ ھەمدە تەركىبىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ، ئاچچىق پۇرىقى يوقاپ، ھەزىم ئەزالىرىغا نىسبەتەن غىدىقلاش تەسىرى تۆۋەنلەپ، ئۈنۈمى ئاشىدۇ.
   2.  زىغىرنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1) ساپلاشتۇرۇلغان زىغىرنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ، قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچى يۇقىرى بولۇشى،ئەمما قورۇش جەريانىدا تەدرىجىي سۇسلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.
   2) قورۇش جەريانىدا زىغىرنى ئۈزۈكسىز ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇش ۋە زىغىر چاراسلاپ ئېتىلىش بىلەن بىرگە، توق قىزىل رەڭگە كىرگەندە دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇلۇشى كېرەك.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان زىغىرنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   زىغىرنىڭ ئەسلى تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، قورۇغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇق دەرىجىسى ئارتىپ، ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. تەركىبىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ، ئىستېمال قىلىشقا ئوڭاي بولىدۇ. چۈرۈكلىشىپ، سالايە قىلىشقا ئاسان بولىدۇ.
  3.  زاغۇننى قورۇش ئۇسۇلى:
   1) ساپلاشتۇرۇلغان زاغۇننى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ، قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچى يۇقىرى بولۇشى،ئەمما قورۇش جەريانىدا تەدرىجىي سۇسلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.
   2) قورۇش جەريانىدا زاغۇننى ئۈزۈكسىز ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇش ۋە زاغۇن چاراسلاپ ئېتىلىش بىلەن بىرگە، ئاچچىق ماي پۇرىقى كەلگەندە دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇلۇشى كېرەك.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان زاغۇننى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ،ھاشاراتتىن خالىي، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   زاغۇننىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، قورۇغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇق دەرىجىسى ئارتىپ،ئۈچىنىچى دەرىجىدە قۇرۇق، ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. تەركىبىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ،ئاچچىق پۇرىقى يوقىلىپ، ھۆ پەيدا قىلىش تەسىرى تۆۋەنلەپ، ئۈنۈمى ئاشىدۇ. چۈرۈكلىشىپ، سالايە قىلىشقا ئاسان بولىدۇ.
   4. زاراڭزا ئۇرۇقىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان زاراڭزا ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ، قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچى يۇقىرى بولۇشى،ئەمما قورۇش جەريانىدا تەدرىجىي سۇسلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.
   2) قورۇش جەريانىدا زاراڭزا ئۇرۇقىنى ئۈزۈكسىز ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇش ۋە ئاچچىق پۇراق كېلىش بىلەن بىرگە، زاراڭزا ئۇرۇقىنىڭ شاكىلى كۆيۈشكە باشلىغاندا دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇلۇشى كېرەك.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان ئۇرۇقىنى ئۇۋۇلاپ، كۆيگەن شاكاللىرىنى چىقىرىۋېتىپ، مېغىزىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ، مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   زاراڭزا ئۇرۇقىنى شاكىلىدىن ئاجرىتىش ئاسانلىشىدۇ. مېيى چۈچۈپ، يېقىمسىز پۇرىقى يوقايدۇ، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش رولى ئاشىدۇ.
   1. كۈنجۈتنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان كۈنجۈتنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇھەمدە قورۇش جەريانىدا باشتىن-ئاخىر سۇس ئوت كۈچى ئىشلىتىلىدۇ.
   2)  قورۇش جەريانىدا كۈنجۈتنى ئۈزۈكسىز ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇش ۋە كۈنجۈت چاراسلاپ ئېتىلىپ، قويۇق دورا پۇرىقى كېلىش بىلەن بىرگە،رەڭگى قېنىق سارغۇچ رەڭگە كىرگەندە دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇلۇشى كېرەك.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان سوۋۇتۇلغان كۈنجۈتنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ،ھاشاراتتىن خالىي،  قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   كۈنجۈت تەركىبىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىدۇ ھەمدە ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش رولى ئاشىدۇ.
  2. چىگىت مېغىزىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان چىگىت مېغىزىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ. قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچى يۇقىرى قىلىپ، ئەمما قورۇش جەريانىدا تەدرىجىي سۇسلاشتۇرۇش ھەمدە چىگىت مېغىزىنى ئۈزۈكسىز ئۆرۈپ ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇش  كېرەك.
   2) چىگىت مېغىزىنى قورۇشقا باشلاپ،بىر خىل كۈچلۈك ماي پۇرىقى كېلىش بىلەن بىرگە، رەڭگى قارامتۇل رەڭگە كىرگەندە دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان چىگىت مېغىزىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ،ھاشاراتتىن خالىي، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   چىگىت يېغىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولۇپ، قورۇلغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇق دەرىجىسى ئېشىپ،بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل، ئىككىنچى دەرىجىدە ئىسسىق بولىدۇ. تەركىبىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ، سالايە قىلىشقا ئاسانلىشىدۇ ھەمدە شىپالىق ئۈنۈمىمۇ ئاشىدۇ.
   3. كەندىر ئۇرۇقىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان كەندىر ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ. قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچى يۇقىرى قىلىپ، ئەمما قورۇش جەريانىدا تەدرىجىي سۇسلاشتۇرۇش ھەمدە قورۇش جەريانىدا ئۈزۈكسىز ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇش  كېرەك.
   2) كەندىر ئۇرۇقىنى قورۇغاندىن باشلاپ،چاراسلاپ يېرىلىپ ئاچچىق پۇراق كېلىش بىلەن بىرگە، رەڭگى قېنىق قوڭۇر رەڭگە كىرگەندە دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان كەندىر ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   كەندىرئۇرۇقىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، قورۇغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇق دەرىجىسى ئېشىپ،تۆتىنچى دەرىجىدە قۇرۇق، ئۈچىنچى دەرىجىدە سوغۇق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۇتۇش خۇسۇسىيىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. قورۇش جەريانىدا تەركىبىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ،ئاچچىق پۇرىقى يوقىلىپ،ئىستېمال قىلىشقا ئوڭايلىشىدۇ. سوقۇشقا ئاسان بولىدۇ ۋە ئۈنۈمى ئاشىدۇ.
   4.  يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ. قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچى يۇقىرى بولۇپ، قورۇش جەريانىدا تەدرىجىي سۇسلاشتۇرۇلىدۇ.
   2) قورۇش جەريانىدا يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى ئۈزۈكسىز ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇش ھەمدە دورا چاراسلاپ ئېتىلىش بىلەن بىرگە،  رەڭگى سارغۇچ رەڭگە كىرگەندە دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى تاسقاپ، شاكىلىنى ئايرىپ مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، قورۇغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇق دەرىجىسى ئېشىپ،سوغۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ،ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق، بىرىنچى دەرىجىدە سوغۇق بولۇپ، مېڭىگە بولغان سوغۇق تەسىرى تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە قۇۋۋىتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تېزلىشىدۇ. 
   5.  سەۋزە ئۇرۇقىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان سەۋزە ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ. قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچى يۇقىرى بولۇپ، قورۇش جەريانىدا تەدرىجىي سۇسلاشتۇرۇلىدۇ ھەم ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ قورۇلىدۇ.
     2) سەۋزە ئۇرۇقىنى قورۇغاندا چاراسلاپ ئېتىلىش بىلەن بىرگە،  رەڭگى قېنىقلاشقاندا دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
    ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان سەۋزە ئۇرۇقىنى تاسقاپ، مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   سەۋزە ئۇرۇقىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولۇپ، قورۇغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇقى ئارتىپ ، بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل، ئىككىنچى دەرىجىدە ئىسسىق بولىدۇ. تەمى ياخشىلىنىپ، قۇۋۋىتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئاشىدۇ.
   10. چامغۇر ئۇرۇقىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان چامغۇر ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ. قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچى يۇقىرى بولۇپ، قورۇش جەريانىدا تەدرىجىي سۇسلاشتۇرۇلىدۇ ھەم ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ قورۇلىدۇ.
      2) چامغۇر ئۇرۇقىنى قورۇشقا باشلاپ، چامغۇر ئۇرۇقى چاراسلاپ ئېتىلىش بىلەن بىرگە،  رەڭگى قېنىق قىزىل رەڭگە كەلگەندە دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان چامغۇر ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   چامغۇر ئۇرۇقىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولۇپ، قورۇغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇقى ئارتىپ ، بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، تەركىبىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ، ئىستېمال قىلىشقا ئاسانلىشىدۇ. چۈرۈكلىشىپ سوقۇشقا ئوڭايلىشىدۇ.
   11. تۇرۇپ  ئۇرۇقىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان تۇرۇپ ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ. قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچى يۇقىرى بولۇپ، قورۇش جەريانىدا تەدرىجىي سۇسلاشتۇرۇلىدۇ.
   2) قورۇش جەريانىدا تۇرۇپ ئۇرۇقىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇقى چاراسلاپ ئېتىلىش بىلەن بىرگە،  رەڭگى سارغۇچ قوڭۇر رەڭگە كەلگەندە دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان تۇرۇپ ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   تۇرۇپ ئۇرۇقى تەركىبىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ، چۈرۈكلىشىپ سوقۇشقا ئوڭايلىشىدۇ.
   12. قوغۇن ئۇرۇقىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان قوغۇن ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ. قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچى يۇقىرى بولۇپ، قورۇش جەريانىدا تەدرىجىي سۇسلاشتۇرۇلىدۇ.
   2) قوغۇن ئۇرۇقىنى قورۇش جەريانىدا ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ، قوغۇن ئۇرۇقىنىڭ شاكىلى كۆيۈشكە باشلاپ چاراسلاپ ئېتىلىش بىلەن بىرگە،  رەڭگى سارغۇچ قوڭۇر رەڭگە كەلگەندە دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان قوغۇن ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   قوغۇن ئۇرۇقىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل، بىرىنچى دەرىجىدە ئىسسىق بولۇپ، قورۇغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇقى ئارتىپ ، بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. تەركىبىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ، چۈرۈكلىشىپ سوقۇشقا ئوڭايلىشىدۇ ھەم ئۈنۈمى ئاشىدۇ.

 13. قاپاق ئۇرۇقىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان قاپاق ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ. قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچى يۇقىرى بولۇپ، قورۇش جەريانىدا تەدرىجىي سۇسلاشتۇرۇلىدۇ.
   2) قورۇش جەريانىدا قاپاق ئۇرۇقىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ،قاپاق ئۇرۇقىنىڭ رەڭگى سۇس سارغۇچ رەڭگە كەلگەندە دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان قاپاق ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم ھاشاراتتىن خالىي جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   قاپاق ئۇرۇقىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولۇپ، قورۇغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇقى ئارتىپ ، بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق بولىدۇ. تەركىبىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ، چۈرۈكلىشىپ، سالايە قىلىشقا ئوڭايلىشىپ، ياسالمىلاردا تەكشى ئارىلىشىدۇ. شۇنداقلا ياسالمىلاردىكى سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.
   14. كاۋا ئۇرۇقىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان كاۋا ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ. قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچى يۇقىرى بولۇپ، قورۇش جەريانىدا تەدرىجىي سۇسلاشتۇرۇلىدۇ.
   2) قورۇش جەريانىدا كاۋا ئۇرۇقىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇش ھەم كاۋا ئۇرۇقىنىڭ شاكىلى كۆيۈشكە باشلىغاندا دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان كاۋا ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم ھاشاراتتىن خالىي جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   كاۋا ئۇرۇقىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولۇپ، قورۇغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇقى ئارتىپ ، بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. تەركىبىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ، شىپالىق رولى ئاشىدۇ ھەم سوقۇشقا ئوڭايلىشىدۇ.
   15. ئاچچىقتاۋۇز ئۇرۇقىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان ئاچچىقتاۋۇز ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ. قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچى يۇقىرى بولۇپ، قورۇش جەريانىدا تەدرىجىي سۇسلاشتۇرۇلىدۇ.
   2) قورۇش جەريانىدا ئاچچىقتاۋۇز ئۇرۇقىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ، ئازراق كۆيۈشكە باشلىغاندا دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان ئاچچىقتاۋۇز ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   ئاچچىقتاۋۇز ئۇرۇقىنىڭ ھەزىم ئەزالىرىغا بولغان غىدىقلاش تەسىرى تۆۋەنلەپ، داۋالاش ئۈنۈمى ئاشىدۇ.
   16. كەرەپشە ئۇرۇقىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان كەرەپشە ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ قورۇلىدۇ. قورۇغاندا دەسلەپتە ئوت كۈچى يۇقىرى بولۇپ، قورۇش جەريانىدا تەدرىجىي سۇسلاشتۇرۇلىدۇ.
   2) قورۇش جەريانىدا كەرەپشە ئۇرۇقىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇش ھەمدە بىر خىل ئاچچىق كەرەپشە پۇرىقى كېلىش بىلەن بىرگە، رەڭگى قېنىق رەڭگە كىرگەندە  دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان كەرەپشە ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   تەمى ياخشىلىنىپ، ئاچچىق پۇرىقى يوقاپ، قۇۋۋىتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئاشىدۇ ھەم چۈرۈكلىشىپ، سوقۇشقا ئاسانلىشىدۇ.
   17. پىستە مېغىزىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان پىستە مېغىزىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر ئوخشاش سۇس ئوت بىلەن  قورۇلىدۇ.
   2) قورۇش جەريانىدا پىستە مېغىزىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ، رەڭگى قېنىق سارغۇچ  رەڭگە كىرگەندە  دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان پىستە مېغىزىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم ھاشاراتتىن خالىي جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   قورۇغاندىن كېيىن پىستە مېغىزى تەركىبىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ، چۈرۈكلىشىپ، سوقۇشقا ئاسانلىشىدۇ.قۇرتلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇزۇن ۋاقىت سۈپەتلىك ساقلىغىلى بولىدۇ ھەم داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
   18. ئۆرۈك مېغىزىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان ئۆرۈك مېغىزىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر ئوخشاش سۇس ئوت بىلەن  قورۇلىدۇ.
   2) قورۇش جەريانىدا ئۆرۈك مېغىزىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆرۈك مېغىزى سارغۇچ  رەڭگە كىرگەندە  دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان ئۆرۈك مېغىزىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم ھاشاراتتىن خالىي جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   ئۆرۈك مېغىزىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ، ئىستېمال قىلىشقا ئاسانلىشىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمى ئاشىدۇ. قۇرتلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇزۇن ۋاقىت سۈپەتلىك ساقلىغىلى بولىدۇ ھەم سالايە قىلىشقا ئوڭايلىشىدۇ.
   19. ياڭاق مېغىزىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان ياڭاق مېغىزىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر سۇس ئوت كۈچى بىلەن  قورۇلىدۇ.
   2) قورۇش جەريانىدا ياڭاق مېغىزىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ، ياڭاق مېغىزى سېرىق رەڭگە كىرگەندە  دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان ياڭاق مېغىزىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم ھاشاراتتىن خالىي جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   ياڭاق مېغىزىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ، ئىستېمال قىلىشقا ئاسانلىشىدۇ.قۇرۇقلۇقى ئارتىپ، شىپالىق رولى ئاشىدۇ. قۇرتلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇزۇن ۋاقىت سۈپەتلىك ساقلىغىلى بولىدۇ.
20. بادام مېغىزىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان بادام مېغىزىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر سۇس ئوت كۈچى بىلەن  قورۇلىدۇ.
   2) قورۇش جەريانىدا بادام مېغىزىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ، بادام مېغىزى قېنىق سارغۇچ رەڭگە كىرگەندە  دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان بادام مېغىزىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم ھاشاراتتىن خالىي جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   بادام مېغىزىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ، ئىستېمال قىلىشقا ئاسانلىشىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمى ئاشىدۇ. قۇرتلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇزۇن ۋاقىت سۈپەتلىك ساقلىغىلى بولىدۇ ھەم سالايە قىلىشقا ئوڭايلىشىدۇ.
   22. ھەببى زەلەم مېغىزىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان ھەببى زەلەم مېغىزىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر سۇس ئوت كۈچى بىلەن  قورۇلىدۇ.
   2) قورۇش جەريانىدا ھەببى زەلەم مېغىزىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ، رەڭگى قارامتۇل كۆكۈش رەڭگە كىرگەندە  دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان ھەببى زەلەم مېغىزىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم ھاشاراتتىن خالىي جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   ھەببى زەلەم مېغىزىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولۇپ، قورۇغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇقى ئارتىدۇ،بۇنىڭ بىلەن ھۆللۈكى تۆۋەنلەپ، بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. تەركىبىدىكى ماي چۈچۈپ، تەمى ياخشىلىنىپ، ئىستېمال قىلىشقا ئوڭايلىشىدۇ، ئۈنۈمى ئاشىدۇ. سوقۇشقا، سالايە قىلىشقا ئوڭايلىشىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت سۈپەتلىك ساقلىغىلى بولىدۇ.
  23. فۇپەلنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  توغراپ قۇرۇتۇلغان فۇپەلنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر سۇس ئوت كۈچى بىلەن  قورۇلىدۇ.
   2)  قورۇش جەريانىدا فۇپەلنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ، فۇپەل قارامتۇل سارغۇچ رەڭگە كىرگەندە  دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان فۇپەلنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   فۇپەلنىڭ ئاچچىق تەمى ۋە سېسىق پۇرىقى ياخشىلىنىپ، قۇۋۋىتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تېزلىشىپ، شىپالىق رولى ئاشىدۇ. 
   24. ھەببەتۇلخۇزرانى قورۇش ئۇسۇلى:
   1)  ساپلاشتۇرۇلغان ھەببەتۇلخۇزرانى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر سۇس ئوت كۈچى بىلەن  قورۇلىدۇ.
   2)  قورۇش جەريانىدا ھەببەتۇلخۇزرانى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ، ھەببەتۇلخۇزرا چاراسلاپ ئېتىلىش بىلەن بىرگە، قارامتۇل قىزىلغا مايىللاشقاندا دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان ھەببەتۇلخۇزرانى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   قۇرۇقلۇقى ئارتىپ، چۈرۈكلىشىپ، سالايە قىلىشقا ئوڭايلىشىدۇ، ئۈنۈمى ئاشىدۇ. 
   25. نەمەك ھىندىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1) ساپلاشتۇرۇلغان نەمەك ھىندىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر سۇس ئوت كۈچى بىلەن  قورۇلىدۇ.
   2)  قورۇش جەريانىدا نەمەك ھىندىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇش بىلەن بىرگە،دورىنىڭ رەڭگى قارامتۇل رەڭگە كىرگەندە دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
    ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان نەمەك ھىندىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   قۇرۇقلۇقى ئارتىپ، چۈرۈكلىشىپ، سالايە قىلىشقا ئوڭايلىشىدۇ، ئۈنۈملۈك تەركىبىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ.
   26. گىل ئەرمىنى قورۇش ئۇسۇلى:
  1) ساپلاشتۇرۇلغان گىل ئەرمىنى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر سۇس ئوت كۈچى بىلەن  قورۇلىدۇ.
2)  قورۇش جەريانىدا گىل ئەرمىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇش بىلەن بىرگە،دورىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ قارامتۇل رەڭگە مايىللاشقاندا دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان گىل ئەرمىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
گىل ئەرمىنىڭ قۇرۇقلۇقى ئارتىپ، چۈرۈكلىشىپ، سالايە قىلىشقا ئوڭايلىشىدۇ،ھەمدە قان توختىتىش تەسىرى كۈچىيىدۇ.
  27. چاياننى قورۇش ئۇسۇلى:
  1) قۇرۇتۇپ ساپلاشتۇرۇلغان چاياننى سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر سۇس ئوت كۈچى بىلەن  قورۇلىدۇ.
   2)  قورۇش جەريانىدا چاياننى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ، چاياندىن بىر خىل تېرە كۆيۈكى پۇرىقى چىقىش بىلەن بىرگە، رەڭگى قېنىق قىزغۇچ قارامتۇل رەڭگە مايىللاشقاندا دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇپ تەييارلانغان چاياننى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
  لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
  قۇرۇقلۇقى ئارتىپ، چۈرۈكلىشىپ، سالايە قىلىشقا ئوڭايلىشىدۇ، زەھىرى تۆۋەنلەپ، شىپالىق رولى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ھەمدە ياسالما شەكلىگە كەلتۈرۈشكە قولايلىقلىشىدۇ، غەيرىي پۇرىقى يوقايدۇ.
   28. شاپتۇل مېغىزىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1) سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا شاپتۇل مېغىزى ئۆزلەشكۈدەك بادام يېغى قۇيۇپ قىزدۇرۇپ، ئۈستىگە شاپتۇل مېغىزىنى تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر سۇس ئوت كۈچى بىلەن  قورۇلىدۇ.
   2)  قورۇش جەريانىدا شاپتۇل مېغىزىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ، شاپتۇل مېغىزىنى كۆيۈپ يېرىلىشقا باشلىغاندا دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان شاپتۇل مېغىزىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم ھاشاراتتىن خالىي جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   شاپتۇل مېغىزىنىڭ زەھەرلىك تەسىرى تۆۋەنلەپ، چىشنى زەخىملەندۈرمەيدۇ، قۇۋۋىتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تېزلىشىدۇ، سۈپەتلىك ھەم ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ.
   29. سېرىق ھېلىلىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1) سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا سېرىق ھېلىلە ئۆزلەشكۈدەك بادام يېغى قۇيۇپ قىزدۇرۇپ، ئۈستىگە سېرىق ھېلىلىنى تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر سۇس ئوت كۈچى بىلەن  قورۇلىدۇ.
2)  قورۇش جەريانىدا سېرىق ھېلىلىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ،سېرىق ھېلىلە ماينى ئۆزىگە تەكشى قوبۇل قېلىپ (ئۆزلەشتۈرۈپ)،  كۆيۈشكە باشلىغاندا دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان سېرىق ھېلىلىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
سېرىق ھېلىلىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە سوغۇق بولۇپ، مايدا قورۇغاندىن كېيىن سوغۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ ھەم ئاشقازان، ئۈچەي دىۋارىنى سىلىقلشتۇرۇپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.
   30. قارا ھېلىلىنى قورۇش ئۇسۇلى:
   1) سۇس ئوتتا قىزدۇرۇلغان، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازانغا قارا ھېلىلە ئۆزلەشكۈدەك بادام يېغى قۇيۇپ قىزدۇرۇپ، ئۈستىگە قارا ھېلىلىنى تۆكۈپ، باشتىن-ئاخىر سۇس ئوت كۈچى بىلەن  قورۇلىدۇ.
   2)  قورۇش جەريانىدا قارا ھېلىلىنى ئۈزۈكسىز تۈردە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆرۈپ تۇرۇپ،قارا ھېلىلە كۆپۈشۈپ، رەڭگى قېنىق بېغىر رەڭگە كىرگەندە دەرھال قازاندىن ئېلىپ، پاكىز رەخت ياكى ئەدىيال قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇلغان قارا ھېلىلىنى مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
   لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى: 
   قارا ھېلىلىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، مايدا قورۇغاندىن كېيىن سوغۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق، بىرىنچى دەرىجىدە سوغۇق بولىدۇ ھەم ئىچ سۈرۈشنى توختىتىپ، قان توختىتىش رولى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.