لايىقلاشتۇرۇش

ئۇيغۇر تېبابىتىدە خام دورىلارنى كۇشتە قىلىش

                         بۇ ئوتقا چىداملىق ساپالدىن ياسالغان كوزا، ئىدىش ياكى چاناق قاتارلىق سايمانلاردىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم زەھەرلىك، ئۇيۇل، بەزلەش كەلگەن دورىلارنىڭ خىمىيەلىك تەركىبىنى ئۆزگەرتىش، زەھەرسىزلەندۈرۈش، ئانئورگانىك ماددىلارنى ئورگانىك ماددىلارغا ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇلارنى توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە سۈمۈرۈلۈش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل تېخنىكىلىق مەشغۇلات  كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل بولىدۇ:
    1. لاي (ھېكمەت لېيى) بىلەن كۇشتە قىلىش
    بۇ بىر قىسىم مەدەن ۋە مېۋە تۈرىدىكى دورىلارنى سالايە قىلىپ خېمىر ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئون قەۋەت سۇ سۈمۈرگۈچ قەغەزگە ئوراپ، ئوتقا چىداملىق ساپالدىن ياسالغان كوزا، ئىدىش قاتارلىق سايمانلارغا سېلىپ، ئەتراپىنى لاي بىلەن ئوراپ ياكى لاي ئارىسىغا ئېلىپ قىزدۇرۇش، ئوتقا كۆمۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دورىلارنى زەھەرسىزلەندۈرۈش، ئانئورگانىك ماددىلارنى ئورگانىك ماددىلارغا ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇلارنى توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە سىڭىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل تېخنىكىلىق مەشغۇلات جەريانىنى كۆرسىتىدۇ
  لاي (ھېكمەت لېيى) تەييارلاشنىڭ مەشغۇلات جەريانى:
    تەلەپكە لايىق بولغان قىزىل، ساپ چۇقا سېغىزنى ساپلاشتۇرۇپ، سوقۇپ، 40~60 كۆزلۈك بولغان ئەلگەكتىن تاسقاپ ئۆتكۈزۈپ، تۇخۇم ئېقى بىلەن نەمدەپ چالا خېمىر قىلىپ، تاختاي پالاق بىلەن مۇشتلاپ، يېرىم قاتتىق لاي تەييارلىنىدۇ. ئاندىن تەييارلانغان لاينى يېيىپ، قىل، يۇڭ-چۇپۇرلارنى لاي ئۈستىگە تەكشى يېيىپ، پالاق بىلەن لاينى ئۇرۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەۋرىشىم ھالەتكە كەلتۈرۈپ تەييارلىنىدۇ.
         لاي بىلەن كۇشتە قىلىش يەنە ئۆز ئىچىدىن بىۋاسىتە لاي  (ھېكمەت لېيى) بىلەن كۇشتە قىلىش ۋە ۋاسىتىلىق لاي  (ھېكمەت لېيى) بىلەن كۇشتە قىلىش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
    2. خېمىر (ھېكمەت خېمىرى) بىلەن كۇشتە قىلىش
    بۇ بىر قىسىم مېۋە تۈرىدىكى زەھەرلىك دورىلارنى سالايە قىلىپ خېمىر ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئون قەۋەت سۇ سۈمۈرگۈچ قەغەزگە ئوراپ، خېمىر ئارىسىغا ئېلىپ، قوقاسقا كۆمۈپ، خېمىر كۆيۈشكە باشلىغاندا ئېلىش ئارقىلىق دورىلارنى زەھەرسىزلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.
   خېمىر (ھېكمەت خېمىرى) تەييارلاشنىڭ مەشغۇلات جەريانى:
 بۇغداي ياكى ئارپا ئۇنىنى تاسقاپ، كېپىكىنى ئايرىپ،ئۇن قىسمىنى تۇخۇم بىلەن نەمدەپ چالا خېمىر تەييارلىنىدۇ. ئاندىن تەييارلانغان خېمىرنى يېيىپ، يۇڭ-چۇپۇرلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۆزلەشتۇرۇپ، پالاق بىلەن مۇشتلاپ، يېرىم قاتتىق ھالەتتىكى خېمىر تەييارلىنىدۇ.
   3. قىزدۇرۇپ تامچىلىتىش ئارقىلىق كۇشتە قىلىش
   بۇ بىر قىسىم مەدەن جىنىسلىق دورىلارنى ئاستى تۆشۈك كومزەككە سېلىپ، ئىسسىقلىق تەسىر قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئېرىتىپ، تامچىلىتىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا سوغۇق مۇھىتنى تەسىر قىلدۇرۇش ئارقىلىق يىغىۋېلىنغان كۇشتە قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.
4. كۆيدۈرۈش ئارقىلىق كۇشتە قىلىش
   بىر قىسىم ئۇيۇل ھالەتتىكى مەدەن جىنىسلىق دورىلارنى كوزا، ئىدىش قاتارلىق سايمانلارغا سېلىپ،℃100 تا قىزدۇرۇپ، ئۇپا ھالەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق كۇشتە قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.
   كۇشتە قىلىشتىن ئۈلگە
   تۆۋەندە كۇشتە قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەم ئادەتتىكى ئەھۋالدىمۇ كۇشتە قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈلىدۇ.
    1. ھەببۇلمۈلۈكنى كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى:
    بىۋاسىتە لاي بىلەن كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
    1) ھەببۇلمۈلۈك مېغىزىنى سوقۇپ، چالا خېمىر تەييارلاپ،ئۇنى ئون قەۋەت سۈمۈرگۈچ قەغەزگە ئوراپ، ھېكمەت لېيى ئىچىگە ئېلىپ، ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرىلىدۇ.
    2) ئوتقا كۆمۈپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا پىشۇرغاندىن كېيىن ئېلىپ، سوۋۇتۇپ، سۈمۈرگۈچ قەغەزنى ئالماشتۇرۇپ، يەنە قايتا پىشۇرىلىدۇ. بۇ مەشغۇلات ئۇدا تۆت-بەش قېتىم قايتا تەكرارلىنىدۇ.
    ساقلاش ئۇسۇلى: سوۋۇتۇپ تەييارلانغان ھەببۇلمۈلۈك مېغىزىنى ئېغىزلىق قاچىلارغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، سالقىن جايدا ئايرىم ساقلىنىدۇ.
    لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى:
     ھەببۇلمۈلۈك مېغىزى تەركىبىدىكى مايلارنى سۈمۈرگۈچ قەغەز سۈمۈرۈۋېلىپ، زەھەرلەش خۇسۇسىيىتى تۆۋەنلەيدۇ، ئىچ سۈرۈش تەسىرى نورماللىشىدۇ. سوقۇشقا ئوڭايلىشىدۇ.
.قىزىل سىرنى كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى: 
ۋاسىتىلىق ھالدا لاي بىلەن كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. يەنى 30 گرام قىزىل سىرنى يۇمشاق سالايە قىلىپ، 500 گرام تۇرۇپنى سوقۇپ، قىزىل سىر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر تەييارلاپ، ئۇنى ئوتقا چىداملىق كوزىغا قاچىلاپ، ئەتراپىنى لاي بىلەن ئوراپ، تۆت سائەت ئەتراپىدا پىشۇرىلىدۇ. پىشقاندىن كېيىن خېمىرنى ئېلىپ، سوۋۇتۇپ، تۇرۇپ كۆيۈندىلىرىنى ئېلىۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر خىل كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى:
120 گرام قىزىل سىرنى سالايە قىلىپ، چامغۇرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تۆشۈك ئېچىپ، ئىچىگە قىزىل سىرنى قۇيۇپ ئېغىزىنى ئېتىپ، ئەتراپىنى لاي بىلەن ئوراپ، ئوت (چوغ) قا كۆمۈپ، ئىككى سائەت ئەتراپىدا پىشۇرىلىدۇ. ئوتقا كۆمۈپ ئىككى سائەتتىن كېيىن چامغۇرنى ئېلىپ، سوۋۇتۇپ، چامغۇرنى قىزىل سىردىن ئايرىۋېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى:
قىزىل سىر- تۇرۇپ كۇشتىسى ۋە قىزىل سىر- چامغۇر كۇشتىسىدا ئوخشاشلا سوۋۇغاندىن كېيىن قىزىل سىرنى ئايرىۋېلىپ، مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى:
قىزىل سىرنىڭ زەھەرلەش، غىدىقلاش تەسىرى تۆۋەنلەيدۇ. ساپلىقى ئاشىدۇ، سالايە قىلىشقا ئوڭايلىشىدۇ. دورا ياسالمىلارغا ئارىلاشتۇرغاندا ئۆزلىشىشى ئاشىدۇ. خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.
3. سەنگىياھنى كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى:
120 گرام سەنگىياھنى 36 گرام شور قەلىمى بىلەن قوشۇپ سالايە قىلىپ، ئۈستىدىن سەبرە ئۆسۈملۈكىنىڭ يوپۇرمىقىدىن سىقىپ ئېلىنىغان سۇدىن (ياكى سەبرىدىن) 30 مىللىلىتىر قۇيۇپ تەييارلاپ، ئۇنى ئوتقا چىداملىق كوزىغا قاچىلاپ، ئەتراپىنى لاي بىلەن ئوراپ، 2~4 سائەت ئەتراپىدا پىشۇرىلىدۇ. پىشۇرغاندىن كېيىن ئېلىپ، سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى:
سوۋۇغاندا كوزىنىڭ ئىچىدىن سەنگىياھنى ئاجرىتىپ ئېلىپ، قۇرۇتۇپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى:
سەنگىياھنىڭ زەھەرلىك تەسىرى تۆۋەنلەپ، خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، 
 ساپلىقى ئاشىدۇ. سالايە قىلىشقا ئوڭايلىشىدۇ. 
4. سىمابنى كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى:
 ۋاسىتىلىق ھالدا لاي بىلەن كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. 
1) سىمابنى باراۋەر مىقداردىكى تۆمۈر كېپىكى بىلەن يۇمشاق سالايە قىلىپ، ئوتقا چىداملىق كوزىغا قاچىلاپ، كوزىنىڭ ئەتراپىنى لاي بىلەن ئوراپ، ئوتقا كۆمۈپ، 2~4 سائەت ئەتراپىدا پىشۇرىلىدۇ. 
2) ئوتقا كۆمۈپ 2~4 سائەتتىن كېيىن كوزىنى ئېلىپ سوۋۇتۇپ، ئاندىن سىمابنى ئاجرىتىپ ئېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى: 
سوۋۇتۇپ تەييارلانغان سىمابنى  مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى:
سىمابنىڭ خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، زەھەرلىك تەسىرى تۆۋەنلەپ، تېرىگە سېڭىپ كىرىشى ۋە بەدەنگە ئۆزلىشىشى كۈچىيىدۇ. سالايە قىلىشقا ئوڭايلىشىدۇ. 
5. يەھۇد تېشىنى كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى:
ۋاسىتىلىق ھالدا لاي بىلەن كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. 
1) بىر ئۈلۈش يەھۇد تېشىغا يېرىم ئۈلۈش شورە قەلىمى ئارىلاشتۇرۇپ ھەمدە تۇرۇپ سۈيى تېمىتىپ تۇرۇپ سالايە قىلىپ، خېمىر ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ.
2)خېمىر ھالەتكە كەلگەندە بىر گرامدىن كۇمىلاچ قىلىپ، ئوتقا چىداملىق كوزىغا قاچىلاپ، كوزىنىڭ ئەتراپىنى لاي بىلەن ئوراپ، ئوتقا كۆمۈپ،2~3 سائەت پىشۇرىلىدۇ. 
3) ئوتقا كۆمۈپ تەخمىنەن 2~3 سائەتتىن كېيىن ئېلىپ، سوۋۇتۇپ، يەھۇد تېشىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى: 
سوۋۇتۇپ تەييارلانغان يەھۇد تېشىنى  مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى:
يەھۇد تېشىنىڭ ساپلىقى ئېشىپ، پارچىلىنىشى ۋە بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى تېزلىشىپ، ئۈنۈمى ئاشىدۇ. ياسالمىغا قوشۇپ ئىشلىتىشكە قولايلىقلىشىدۇ.
6. سۈرمىنى كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى:
ۋاسىتىلىق ھالدا لاي بىلەن كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. 
سۈرمىنى قېتىق بىلەن سالايە قىلىپ خېمىر ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئاندىن بىر گرامدىن كۇمىلاچ قىلىپ، ئوتقا چىداملىق كوزىغا قاچىلاپ، كوزىنىڭ ئەتراپىنى لاي بىلەن ئوراپ، ئوتقا (چوغقا) كۆمۈپ پىشۇرىلىدۇ. 
2) پىشقاندا ئېلىپ سوۋۇتۇپ، ئاندىن سۈرمىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ تەييارلىنىدۇ.  
  ساقلاش ئۇسۇلى: 
جەريانىدىن ئىبارەت.سوۋۇتۇپ تەييارلانغان سۈرمىنى ئېغىزلىق قاچىلارغا  مۇۋاپىق مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى:
سۈرمىنىڭ ساپلىقى ئېشىپ، پارچىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشى تېزلىشىپ، ئۈنۈمى ئاشىدۇ. سىل، قان تۈكۈرۈش، دەم سىقىلىش كېسەللىكلىرىگە بولغان شىپالىق تەسىرى كۈچىيىدۇ.
7. تۆمۈرنى كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى:
ۋاسىتىلىق ھالدا لاي بىلەن كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. 
1) تۆمۈر كېپىكى، نۆشۈدۈر، گۈڭگۈرت، ئامىلە قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ، لىمون سۈيى تېمىتىپ تۇرۇپ سالايە تەييارلىنىدۇ.
2) سالايە قىلىپ ئۆزلىشىپ، قولغا ئۇرۇنمىغۇدەك بولغاندا كۇمىلاچ قىلىپ، ئوتقا چىداملىق كوزىغا قاچىلاپ، ئەتراپىنى لاي بىلەن ئوراپ، ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرىلىدۇ.
3) پىشقاندا ئېلىپ سوۋۇتۇپ، ئاندىن تۆمۈر كۇشتىسىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى: 
سوۋۇتۇپ تەييارلانغان تۆمۈر كۇشتىسىنى  مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى:
سوقۇشقا ئاسانلىشىپ، ياسالمىلارغا تەكشى ئۆزلىشىدۇ، ھەزىم ئەزالىرىدىكى سۈمۈرۈلۈشى تېزلىشىدۇ.
8. سەبرىنى كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى:
ۋاسىتىلىق ھالدا لاي بىلەن كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. 
1) سەبرىنى يۇمشاق سوقۇپ، خەسە (داكا) خالتىغا سېلىپ، تاۋۇزنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇق ۋە گۆشلىرىنى ئېلىۋېتىپ، خالتىنى ئۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ، ئالدىن تەييارلىۋالغان لاي بىلەن تاۋۇزنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ، ئىككى سائەت ئەتراپىدا قوقاسقا (چوغقا) كۆمۈپ پۇچۇلىنىدۇ.
2) پىشقاندا ئېلىپ سوۋۇتۇپ، ئاندىن سەبرىنى ئايرىم ئېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى:
سوۋۇتۇلغاندىن كېين سەبرىنى ئېلىپ، مۇۋاپىق ئېغىزلىق قاچىلارغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، سالقىن جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى:
سەبرە تەركىبىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇچان مايلارنى تاۋۇز سۈمۈرۈۋېلىپ، تەمى چۈچۈپ، ھەزىم ئەزالىرىنى غىدىقلاش، ھۆ پەيدا قىلىش تەسىرى تۆۋەنلەيدۇ.
9. تۇخۇم شاكىلىنى كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى:
ۋاسىتىلىق ھالدا لاي بىلەن كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
1) تۇخۇم شاكىلىنى يۇمشاق سوقۇپ، تۇز سۈيى تامچىلىتىپ تۇرۇپ خېمىر قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن بىر گرام ئېغىرلىقتا كۇمىلاچ تەييارلاپ، ئوتقا چىداملىق كوزىغا سېلىپ، ئەتراپىنى لاي بىلەن ئوراپ، 1~2 سائەت ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرىلىدۇ.
2) پىشقاندىن كېيىن كوزىنى ئېلىپ سوۋۇتۇپ، ئاندىن تۇخۇم شاكىلىنى ئايرىۋېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى:
 سوۋۇتۇلغاندىن كېين تۇخۇم شاكىلىنى ئايرىپ ئېلىپ، مۇۋاپىق قاچىلاش سايمانلىرىغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا قويۇپ ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى:
تۇخۇم شاكىلى چۈرۈكلىشىپ سوقۇشقا ئاسانلىشىدۇ. ھەزىم ئەزالىرىدىكى پارچىلىنىشى تېزلىشىپ، قان توختىتىش، تۇتۇش رولى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.
10. شورە قەلىمىنى كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى:
قىزدۇرۇپ تامچىلىتىش ئارقىلىق كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
1) ساپلاشتۇرۇلغان شورە قەلىمىنى يۇمشاق سالايە قىلىپ، ئاستى تۆشۈك كومزەككە سېلىپ ئاندىن قىزىتىش، ساپال قازاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆشۈكنى ئاستى تۆشۈك كومزەكنىڭ تۆشۈكى بىلەن ئۇدۇللاپ، ئاستىغا تامچىلارنى يىغىۋېلىش، كومزەكنى سوغۇق سۇ ئىچىگە سېلىپ، قازان تۆشۈكىگە ئۇدۇللاپ قويۇلىدۇ.
2) دورا سېلىنغان كومزەكنىڭ ئەتراپىغا چوغ تۆكۈپ، ئۈستىگە ئوت كۆمۈرى سېلىپ، يالقۇنجىتىپ قىزىتىلىدۇ ھەمدە كومزەك ئىچىدىكى شورە قەلىمى ئۈزۈكسىز ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەنسېرى شورە قەلىمى ئېرىپ، تامچىلاپ ئېقىپ چۈشۈشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاستىغا تامچىلاپ چۈشۈپ بولالمىغانلىرىنى كومزەكنى يانتۇ ئايلاندۇرۇپ، دىۋارىغا يۇقتۇرۇپ، دەسلەپتە كۆك ئىس، كېيىن سېرىق ئىس چىققاندا ئېلىپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى:
سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن كومزەكنىڭ ئەتراپىنى قىزىتىپ، تامچىلاپ چۈشكەن قىسمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق قاچىلارغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا ئايرىم ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى:
شورە قەلىمىنىڭ ساپلىقى ئاشىدۇ. خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى ئۆزگىرىپ، تېرە ئاستىغا سېڭىپ كىرىشى تېزلىشىدۇ، مەلھەم تەييارلاشقا قولايلىق بولىدۇ.
11. تاشتۇزنى كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى:
 قىزدۇرۇپ تامچىلىتىش ئارقىلىق كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. 
1) ساپ تاشتۇزنى يۇمشاق سالايە قىلىپ، ئاستى تۆشۈك كومزەككە سېلىپ ئاندىن قىزىتىش، ساپال قازاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆشۈكنى ئاستى تۆشۈك كومزەكنىڭ تۆشۈكى بىلەن ئۇدۇللاپ، ئاستىغا تامچىلارنى يىغىۋېلىش، كومزەكنى سوغۇق سۇ ئىچىگە سېلىپ، قازان تۆشۈكىگە ئۇدۇللاپ قويۇپ، ئاندىن تاش تۇز سېلىنغان كومزەكنىڭ ئەتراپىغا چوغ تۆكۈپ، ئۈستىگە ئوتۇن كۆمۈرى سېلىپ، يالقۇنجىتىپ قىزىتىلىدۇ.
2) قىزىتىش جەريانىدا تاشتۇز ئۈزۈكسىز ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەنسېرى تاشتۇز ئېرىپ، تامچىلاپ ئېقىپ چۈشۈشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاستىغا تامچىلاپ چۈشۈپ بولالمىغانلىرىنى كومزەكنى يانتۇ ئايلاندۇرۇپ، دىۋارىغا يۇقتۇرۇپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى:
سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن تاشتۇزنى كومزەكنىڭ دىۋارىدىن قىرىپ ئېلىپ، تامچىلاپ چۈشكىنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق قاچىلارغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا ئايرىم ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى:
تاشتۇزىنىڭ ساپلىقى ئېشىپ، ئۈنۈمى يۇقىرىلايدۇ، سوقۇشقا ئاسانلىشىپ، مەلھەم ياسالمىلىرىغا ياخشى ئۆزلىشىدۇ.
12. نۆشۈدۈرنى كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى:
قىزدۇرۇپ تامچىلىتىش ئارقىلىق كۇشتە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. 
1) ساپلاشتۇرۇلغان نۆشۈدۈرنى يۇمشاق سالايە قىلىپ، ئاستى تۆشۈك كومزەككە سېلىپ ئاندىن قىزىتىش، ساپال قازاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆشۈكنى نۆشۈدۈر سېلىنغان ئاستى تۆشۈك كومزەكنىڭ تۆشۈكى بىلەن ئۇدۇللاپ، ئاستىغا تامچىلارنى يىغىۋېلىش، كومزەكنى سوغۇق سۇ ئىچىگە سېلىپ، قازان تۆشۈكىگە ئۇدۇللاپ قويۇپ، ئاخىرىدا دورا سېلىنغان كومزەكنىڭ ئەتراپىغا چوغ تۆكۈپ، ئۈستىگە ئوتۇن كۆمۈرى سېلىپ، يالقۇنجىتىپ قىزىتىلىدۇ.
2) قىزىتىش جەريانىدا نۆشۈدۈر ئۈزۈكسىز ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەنسېرى نۆشۈدۈر ئېرىپ، تامچىلاپ ئېقىپ چۈشۈشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاستىغا تامچىلاپ چۈشۈپ بولالمىغانلىرىنى كومزەكنى يانتۇ ئايلاندۇرۇپ، دىۋارىغا يۇقتۇرۇپ سوۋۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى:
سوۋۇتۇلغاندىن كېيىن نۆشۈدۈرنى كومزەكنىڭ دىۋارىدىن قىرىپ ئېلىپ، تامچىلاپ چۈشكەن قىسمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق قاچىلارغا ئۆلچەملىك مىقداردا قاچىلاپ، قۇرغاق ھەم سالقىن جايدا ئايرىم ساقلىنىدۇ.
لايىقلاشتۇرۇش ئەھمىيىتى:
نۆشۈدۈرنىڭ زەھەرلىك تەسىرى تۆۋەنلەيدۇ ھەم سالايە قىلىشقا ئاسانلىشىدۇ، سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان مەلھەملەرگە ئارىلىشىشى تېز بولىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلارنى لايىقلاشتۇرۇش ئىلمى ناملىق كېتابتىن ئېلىندى