لايىقلاشتۇرۇش

ئۇيغۇر تېبابىتىدە خام دورىلارنىڭ مېيىنى ئېلىش

                         بۇ مەخسۇس ماي تارتىش ئەسۋابلىرى ۋە ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تەركىبىدە ماي مىقدارى نىسبەتەن كۆپ بولغان ئۇرۇق، مېغىز، مېۋە ۋە گۈل-چېچەك تۈرىدىكى دورىلارنىڭ مېيىنى ئاجرىتىپ ئېلىشتىن ئىبارەت بىر خىل تېخنىكىلىق مەشغۇلات جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. 
مېيىنى ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن چىلاش ئارقىلىق مېيىنى ئېلىش، قاينىتىپ مېيىنى ئېلىش، قىزدۇرۇپ مېيىنى ئېلىش ۋە قىسىپ-سىقىپ مېيىنى ئېلىش دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1. چىلاش ئارقىلىق مېيىنى ئېلىش: بۇ كۆپىنچە گۈل-چېچەك تۈرىدىكى دورىلارنى كۈنجۈت مېيىغا قايتا-قايتا چىلاپ، 30 سىلسىيە گرادۇس ھارارەتتە 40 كۈن تۇرغۇزۇپ، گۈل ياپرىقى ئاقارمىغان ھالەتكە كەلگەندە سۈزۈپ مېيىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: قىزىلگۈل، قەلەمپۇر قاتارلىقلار.
2. قاينىتىپ مېيىنى ئېلىش: بۇ كۆپىنچە يىلتىز، يوپۇرماق، مېۋە تۈرىدىكى دورىلارنى بىر سوتكا سۇغا چىلاپ قاينىتىپ، ئىسپىرتتا تىندۇرۇپ، ئايرىپ ئالغان قىسمىغا ئۆسۈملۈك مېيى ۋە ھايۋانات مېيى قوشۇش ئارقىلىق مېيىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: قۇستە.
3. قىزدۇرۇپ مېيىنى ئېلىش: بۇ بىر قىسىم دورىلارنى مۇۋاپىق ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ، ئوت يالقۇنىدا بىۋاسىتە قىزدۇرۇپ سىقىش ياكى تاۋ، قازانلارغا تەكشى يېيىپ ۋاسىتىلىك قىزدۇرۇش ئارقىلىق مېيىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بالادۇر، تۇخۇم قاتارلىقلار.
4. قىسىپ-سىقىپ مېيىنى ئېلىش: بۇ كۆپىنچە ئۇرۇق، مېغىز ۋە مېۋە تۈرىدىكى دورىلارنى ھەر خىل ماي تارتىش ئەسۋابلىرى بىلەن قىسىپ-سىقىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مېيىنى ئاجرىتىپ ئېلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: كۈنجۈت، سىيادان، بادام قاتارلىقلار.